1يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ
2داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ
3ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. ◼ 7:3 +bd «ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب»+bd* ــ «شېئار-جاشۇب» «بىر قالدى قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن مەنىدە. يەشايانىڭ بۇ ئوغلىنى بىللە ئېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. +bd «سەن ... يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ،...»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئاھاز ئاشۇ يەردە تۇرۇپ، مۇشۇ قوشۇنلار چوقۇم كېلىپ بىزنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ، شۇڭا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىم لازىم دېگەن ئويدا ئىدى.*
4سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە!
5چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ
6«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئالنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى. ◼ 7:6 +bd «ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىپ،...». +bd «تابەئالنىڭ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تابەئەل» (خۇدا ياخشى دېگەن مەنىسى) مۇشۇ يەردە «تابەئال» (ھېچ پايدىسى يوق» دېگەن مەنىسى)غا ئۆزگەرتىلگەن.*
7شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
8چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛
9ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر،
10پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ
11«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. ◼ 7:11 +bd «يەرنىڭ تېگى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يەرنىڭ تېگى» «شېئول»نى، يەنى «تەھتىسارا»نى، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
12بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى. ◼ 7:12 +bd «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن»+bd* ــ «خۇدانى سىناش» گۇناھدۇر؛ بىراق مۇشۇ يەردىكى «بېشارەت سوراش» خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپى بولۇپ، گۇناھ ھېسابلانمايدۇ.*
13ئاندىن يەشايا*: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟
14شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ
15ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. ◼ 7:15 +bd «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...»+bd* ــ ياكى «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلىشى ئۈچۈن». +bd «پىشلاق ۋە بال يەيدۇ»+bd* ــ بۇ تاماقلار زېمىننىڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئاز بولغاچقا، تېرىلغۇ يەرلەرمۇ ئاز بولىدۇ. ئادەملەر پەقەت مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ياۋايى ھايۋناتلار، ھەرە قاتارلىقلارغا تاشلىنىپ قالىدۇ (21-23-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). ئىممانۇئېل كەمبەغەل شارائىتلاردا تۇغۇلىدۇ ھەم بەلكىم چوڭ بولغۇچە شۇ غۆرىگىل يېمەكلىكىنى جاڭگالدىن تېرىپ يەيدۇ، دېمەكچى.*
16چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. ◼ 7:16 +bd «چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بۇ ياش بالا» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم ئىممانۇئېلنىڭ ئۆزى ھەم يەشايانىڭ ئوغلى «شېئار-جاشۇب»نىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، «شېئار-جاشۇب» چوڭ بولغۇچە، سۇرىيە ھەم ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق) تاشلاندۇق بولۇپ تۇرىدۇ. بېشارەتتىن ئۈچ يىلدىن كېيىن سۇرىيە زېمىنى ۋە ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن ئىسرائىل زېمىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى يەھۇدانىڭ زېمىنىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئۇنى بۇلاپ-تالايدۇ، بىراق ئۇنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. كېيىنكى بابلارنى، بولۇپمۇ 36-37-بابنى كۆرۈڭ. «ئىممانۇئېل» دېگەن بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى بېشارەت ئاھازغا ئەمەس، «داۋۇت جەمەتىگە» چۈشىدۇ، دېيىلىدۇ. قارىغاندا، «ئىممانۇئېل» داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىكى بىر «پاك قىز»دىن تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىنجىلدىكى «ماتتا» 1-، 2-بابنى، «لۇقا» 1-، 2-بابنى كۆرۈڭ.*
17چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر!
18شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛
19ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ. ◼ 7:19 +bd «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، ...ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ»+bd* ــ دېمەك، ئادەملەر يوشۇرۇنماقچى بولغان ھەربىر جاي بىخەتەر بولمايدۇ، دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ.
20ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ ◼ 7:20 +bd «مۇشۇ ئۇستىرا ... پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ»+bd* ــ «پۇتنىڭ تۈكلىرى» مۇشۇ يەردە پۈتۈن بەدەندىكى تۈكلەرنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ، سەل سىلىقلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلارنى بەلكىم يالىڭاچ قالدۇرىدۇ.*
21شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ،
22ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ. ◼ 7:22 +bd «...ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ»+bd* ــ دېمەك، ئادەملەر شۇنچە ئاز، تېرىلغۇ يەر يوق دېيەرلىك، زىرائەتلەرنىڭ ئورنىدا ياۋا ئوت-چۆپ كۆپ بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ئاساسەن پەقەت سۈت ھەم بال بولىدۇ.*
23ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ ◘ 7:23 لاۋ. 26:22*
24ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ◼ 7:24 +bd «ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ...»+bd* ــ دېمەك، بۇنداق ئۈزۈمزار ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ئۇ يەرگە بارىدىغان بولسا، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئوۋ قىلىش ئۈچۈن قوراللارنى كۆتۈرگەن ھالەتتىلا بارىدۇ.*