يەشايا 8:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار ماڭا: ــ

2مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم. ◼ 8:2 +bd «كاھىن بولغان ئۇرىيا»+bd* ــ «كاھىن» دېگەن، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى كىشى. +bd «كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا»+bd* ــ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇرىيا دېگەن كىشى كېيىن يەشايا پەيغەمبەرگە قارشى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن («2پاد.» 10:16-16نى كۆرۈڭ). شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ «ئىشەنچلىك گۇۋاھلىق» سۈپىتىدە بولۇشى كېرەك ئىدى.*

3ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛ ◼ 8:3 +bd «.. مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم»+bd* ــ «ئايال پەيغەمبەر» يەشايانىڭ ئايالىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق نېمىشقا «ئايال پەيغەمبەر» دەپ ئاتىلىدۇ؟ ياكى ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر بولدى ۋە ياكى ئۇنىڭ مۇشۇ ئوغلىنى تۇغقانلىقىنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى.*

4چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى.

5پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

6«مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ،

7شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛

8ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛

9ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر!

10پىلانىڭلارنى تۈزۈۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛

11چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ،

12«مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛

13پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛

14ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ،

15ئۇلاردىن كۆپلەر ئۇنىڭغا* پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ». ◘ 8:15 مات. 21‏:44؛ لۇقا 20‏:18*

16ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن. ◼ 8:16 +bd «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ... قويغىن»+bd* ــ خۇدا مۇشۇ يەردە يەشايا ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇخلىسلىرىغا يوليورۇق بېرىدۇ. يەشايا يازغان ھەم سۆزلىگەن گۇۋاھلىقلارنى، مۇساغا بېرىلگەن قانۇن ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن تەۋراتتىكى قىسىملارنى بىللە قوشۇپ، بىخەتەر ساقلاپ قويۇش كېرەك، دېگەن مەنىدە. شۇنداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن، ھەرقانداق قالايمىقان ۋەزىيەتلەر ئاستىدا، ئۇلار مۇشۇ كىتابلار ئارقىلىق نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ.

17مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛

18قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا،

19ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار. ◘ 8:19 قان. 18‏:11*

20ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ! ◘ 8:20 يەش. 16:8*

21ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>