1ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ◼ 1:1 +bd «ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن...»+bd* ــ مۇشۇ جۈملە «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىپ، «يەشۇئا» دېگەن كىتابنىڭ «قانۇن شەرھى» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «قان.» 12:34-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:1 قان. 1:38؛34:5*
2مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگىن. ◼ 1:2 +bd «مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مۇسا تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يالغۇز ئۆلگەن ۋە خۇدا تەرىپىدىن دەپنە قىلىنغان. ھېچكىم بۇ ئىشلارغا كۆز گۇۋاھچى بولمىغانىدى («قان.» 5:34-6).*
3مەن مۇساغا ئېيتقىنىمدەك، پۇتۇڭلارنىڭ تاپىنى قەيەرگە تەگكەن بولسا، شۇ جاينى سىلەرگە بەردىم؛ ◘ 1:3 قان. 11:24؛ يە. 14:9*
4چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ لىۋانغىچە، ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەفرات دەرياسىدىن كۈن پېتىشتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. ◼ 1:4 +bd «ئوتتۇرا دېڭىزغىچە...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلۇغ دېڭىزغىچە...».*
5سېنىڭ بارلىق ھايات كۈنلىرىڭدە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن ئۆزۈم مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. ◘ 1:5 قان. 31:6، 8؛ ئىبر. 13:5، 6*
6سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن. ◘ 1:6 قان. 31:23*
7مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ساڭا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن؛ سەن قەيەرگىلا بارساڭ ئىشلىرىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يا ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمە؛ ◼ 1:7 +bd «...قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن»+bd* ــ ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئاساسەن بارلىق خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەك.* ◘ 1:7 قان. 5:32؛ 28:14*
8بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن. ◼ 1:8 +bd «بۇ قانۇن كىتابى»+bd* ــ (ياكى «مۇقەددەس قانۇنىدىكى بۇ كىتاب» ياكى «كىتابتىكى بۇ قانۇن») ــ ياكى «كانۇن شەرھى» ياكى «مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بەش كىتابى»نى (يەنى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار»، «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» شۇنداقلا «قانۇن شەرھى»نى) كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:8 زەب. 1:2*
9مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر.
10شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ باشلىرىغا بۇيرۇپ: ــ
11سىلەر چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ خەلققە: ــ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييار قىلىڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈن توشقاندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىسىلەر، ــ دەڭلار، دېدى.
12يەشۇئا رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە سۆز قىلىپ: ــ
13خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ◼ 1:13 +bd «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار .... بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ «خۇدا ... سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن» دېگەن سۆزلىرى مۇشۇ ئىككى يېرىم قەبىلىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ +bd شەرق تەرىپىدىن+bd* ئۆزلىرى ئۈچۈن بالدۇرلا يەر-زېمىن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەلق ھازىر دەريادىن ئۆتۈپ غەربىي تەرەپتىكى زېمىننى ئىگىلەشكە كىرىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزلىرى «قان.» 18:3-20دە تېپىلىدۇ.*
14-15 خوتۇن بالا-چاقاڭلار ۋە چارپايلىرىڭلار مۇسا ئۆزى سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردا قانچىلىك باتۇر پالۋان بولساڭلار، سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ جەڭ قىلىڭلار؛ تاكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرگە ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئارام ئاتا قىلىپ، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۇ ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەتكۈچە شۇنداق قىلىڭلار. ئاندىن سىلەر تەۋەلىكىڭلار بولغان زېمىننى، يەنى خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسا سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بۇ زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ◼ 1:14-15 +bd «بۇ تەرەپ»+bd* ــ دەريانىڭ شەرق تەرىپى، ھازىرقى سۇرىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.*
16ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزگە ئەمر قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز، سەن بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ، شۇ يەرگە بارىمىز.
17بىز ھەممە ئىشتا مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك ساڭا قۇلاق سالىمىز؛ بىردىنبىر تىلىكىمىز، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولغاي!