1يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛
2جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، ◼ 15:2 +bd «شور دېڭىزى»+bd* ــ يەنە «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.* ◘ 15:2 چۆل. 34:4*
3«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، ◼ 15:3 +bd «سېرىق ئېشەك داۋىنى»+bd* ــ ىبرانىي تىلىدا «ئاكراببىم داۋىنى»، بەزىدە شۇنداق ئاتىلىدۇ.*
4ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى. ◼ 15:4 +bd «ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى»+bd* ــ بۇ دېڭىز «ئوتتۇرا دېڭىز»دۇر. +bd «ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەرنىڭ جەنۇبىي چېگراڭلار».*
5شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ،
6ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛
7ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛
8ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ ◼ 15:8 +bd «بەن-ھىننوم»+bd* ــ «ھىننومنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە.*
9چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ،
10ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛
11ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى.
12غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا «ئۇلۇغ دېڭىز» بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى. ◼ 15:12 +bd «ئۇلۇغ دېڭىز»+bd* ــ يەنى «ئوتتۇرا دېڭىز»* ◘ 15:12 چۆل. 34:6*
13يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. ◘ 15:13 يە. 14:15؛ ھاك. 1:20*
14كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ◘ 15:14 ھاك. 1:10*
15ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى).
16كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
17كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
18شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 15:18 +bd «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى»+bd* ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ 18-ئايەتكە قارىغاندا، پۇرسەت كەلكەندە، ئاكساھ ئۆزى دادىسىغا 19-ئايەتتىكى تەلەپنى قويىدۇ.*
19ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق* يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. ◼ 15:19 +bd «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەرنى بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)، بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.*
20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ
21يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر،
22كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ،
23كەدەش، ھازور، يىتنان،
24زىف، تەلەم، بېئالوت،
25ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)،
26ئامام، سېما، مولاداھ،
27ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت،
28ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا،
29بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم،
30ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ،
31زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ،
32لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. ◼ 15:32 +bd «... جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى»+bd* ــ تىزىملانغان شەھەرلەر 29 ئەمەس، بەلكى 36 شەھەر؛ تىزىملانغان شەھەرلەرنىڭ ناملىرى بەلكىم «قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار»دىن بىرنەچچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك (مەسىلەن، 23- ۋە 25-ئايەتتىكى «ھازور»).*
33شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ،
34زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام،
35يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ،
36شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
37بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد،
38دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، ◼ 15:38 +bd «مىزپاھ»+bd* ــ ياكى «مىزپەھ».*
39لاقىش، بوزكات، ئەگلون،
40كاببون، لاھماس، قىتلىش، ◼ 15:40 +bd «لاھماس»+bd* ــ ياكى «لاھمام».*
41گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
42بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان،
43يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب،
44كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛
45يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر،
46شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ،
47ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
48تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ،
49دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، ◼ 15:49 +bd «كىرىئات-سانناھ»+bd* ــ ياكى «كىرىئات-سەفەر».*
50ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، ◼ 15:50 +bd «ئەشتەموھ»+bd* ــ ياكى «ئەشتەموئا».*
51گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
52بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان،
53يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ،
54ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
55بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ،
56يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ،
57كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
58بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور،
59مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
60بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
61چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ،
62نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. ◼ 15:62 +bd «شور شەھىرى»+bd* ــ ياكى «ئىر-ھاممەلاھ».*