1پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛ ◘ 20:2 مىس. 21:13؛ چۆل. 35:6؛ قان. 19:1، 2*
3بىلمەي، تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەرقانداق كىشى ئۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولىدۇ.
4ئادەمنى شۇنداق ئۆلتۈرگەن* كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ قوۋۇقىغا كېلىپ، شۇ يەردە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتسۇن؛ ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا جاي بەرسۇن. ◘ 20:4 چۆل. 35:22، 23؛ قان. 19:4، 5*
5ئەمدى قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن؛ چۈنكى شۇ كىشىنىڭ بۇرۇندىن ئۆز قوشنىسىغا ھېچ ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان، بەلكى تاسادىپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.
6ئادەم ئۆلتۈرگەن* كىشى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە شۇ شەھەردە تۇرسۇن؛ ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىگە، يەنى قېچىپ چىققان شەھەردىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلسۇن.
7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى،
8يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۈزلەڭلىكنىڭ چۆلىدىكى بەزەرنى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموتنى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاننى تاللاپ بېكىتتى. ◘ 20:8 قان. 4:43*