1لېكىن ئىسرائىل «ھارام» نەرسىلەر ئۈستىدە ئىتائەتسىزلىك قىلدى؛ چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان دېگەن كىشى ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى. ◘ 7:1 يە. 22:20؛ 1تار. 2:7*
2يەشۇئا يېرىخودىن بەيت-ئەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئايى شەھىرىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر چىقىپ ئايى زېمىنىنى چارلاپ كەلدى.
3ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەشۇئاغا: ــ ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىككى-ئۈچ مىڭچە ئادەم بولسىلا ئايىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىگىلىيەلەيدۇ؛* ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاز بولغاچقا، پۈتكۈل خەلقنى ئاۋارە قىلىپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، ــ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە چىقتى؛ لېكىن بۇلار ئايىنىڭ ئادەملىرى ئالدىدىن قېچىپ كېتىشتى.
5ئايىنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن خەلقنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. ◼ 7:5 +bd «...قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە»+bd* ــ ياكى «قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن «دەزلەر» دېگەن جايغىچە».*
6يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى.
7يەشۇئا: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنى نېمىشقا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزگەنسەن؟ بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرىۋەرگەن بولساق بوپتىكەن!
8ئەي رەببىم! ئىسرائىل ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قاچقان يەردە مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟
9قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى.
10لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن قوپ! نېمىشقا شۇنداق دۈم ياتىسەن؟
11ئىسرائىل گۇناھ قىلدى! ئۇلار يەنە مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ ھەم ھارام بېكىتىلگەننى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى.
12شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن.
13ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا: ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر.
14ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن. ◼ 7:14 +bd «پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن...»+bd* ــ خۇدا قايسى يول بىلەن گۇناھكار قەبىلىنى كۆرسەتكەنلىكى مۇشۇ يەردە ئايان قىلىنمايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كۆرسىتىش يولى چەك تاشلاش ياكى باش كاھىن كۆتۈرگەن «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ئارقىلىق بولغان بولسا كېرەك.*
15شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن».
16يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە-قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛
17ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە-ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى. ◼ 7:17 +bd «زارھىيلار جەمەتى»+bd* ــ ياكى «زارھىيلار». «زارھىيلار» دېگەن «زەراھلار»نىڭ باشقا بىر شەكلى (7:1نى كۆرۈڭ).*
18زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن-بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى. ◼ 7:18 +bd «زەراھنىڭ ئەۋلادى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «زەراھنىڭ ئوغلى».*
19شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن* قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. ◼ 7:19 +bd «پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن»+bd* ــ ئاقاننىڭ قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلغىنىنىڭ ئۆزى خۇداغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇشنى بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىش خۇدانىڭ ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولغىنىنى خالايىق ئالدىدا كۆرسىتىدىغان ئىشتۇر.*
20ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق-مۇنداق قىلدىم:
21مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى. ◼ 7:21 +bd «شىنار»+bd* ــ بابىلنىڭ باشقا بىر نامىدۇر.*
22شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى.
23ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى.
24ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى.
25يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. ◼ 7:25 +bd «...ئىسرائىل جامائىتى +bdit ئاقاننى+bdit* چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن...»+bd* ــ ئاقاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چالما-كېسەك قىلىندى؛ چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ گۇناھىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ توغرۇلۇق جىم تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا شېرىك بولۇپ قالغان.*