1ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام. ◼ 1:1 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا ... سالام»+bd* ــ «چاقىرىلغانلار» بولسا خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان. +bd «ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام»+bd* ــ ياكى «(خۇدا تەرىپىدىن) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام» ــ تېكىست شۇ مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*
2سىلەرگە رەھىمدىللىق، ئامانلىق-خاتىرجەملىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!
3ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى. ◼ 1:3 +bd «...لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى»+bd* ــ «مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقاد» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە بىزگە ئىنجىل ئارقىلىق خۇدا، مەسىھ، مۇقەددەس روھ، نىجات، خۇدانىڭ سۆز-كالامى (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل)، بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا، ئىنسانىيەت، پەرىشتىلەر ۋە جىن-شەيتان قاتارلىقلار توغرۇلۇق نازىل قىلىپ تاپشۇرۇلغان، شۇنداقلا ئىشىنىشكە زۆرۈر بولغان ۋەھىي-ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.*
4چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن تانغان ئادەملەردۇر. ◼ 1:4 +bd «چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇشۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان»+bd* ــ «خېلى بۇرۇنلا ... سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەن»: ــ بەلكىم مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەن بولسا كېرەك.
5شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب ئۆزى ئۈچۈن* بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە* ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. ◼ 1:5 +bd «بۇرۇن رەب ئۆزى ئۈچۈن بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى»+bd* ــ «كېيىن» گرېك تىلىدا «ئىككىنچى قېتىم» دېيىلىدۇ.
6ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى*، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ قىيامەت* كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. ◘ 1:6 يار.6:1-4؛ 2پېت. 2:4. *
7سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ پەرىشتىلەرگە* ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، كېيىنكى دەۋرلەر* ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. ◼ 1:7 +bd «سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، كېيىنكى دەۋرلەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن»+bd* ــ «غەيرىي شەھۋەتلەر» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «غەيرىي ئەتلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەر «غەيرىي ئەتلەر»گە (دېمەك، قىز-ئاياللارغا) ئىچ پەش تارتقانىدى؛ سودوم ۋە گوموررادىكىلەر «غەيرىي ئەتلەر»گە ئىچ پەش تارتقان (بۇ قېتىم ئەرلەر قىز-ئاياللارغا ئەمەس، بەلكى ئەرلەر باشقا ئەرلەر بىلەن «غەيرىي» جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى).
8لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەرشتىكى* ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا. ◼ 1:8 +bd «لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، (ئەرشتىكى) ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا»+bd* ــ «چۈش كۆرگۈچىلەر» بەلكىم «بېشارەتلىك بىرنەچچە چۈشنى كۆردۈم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئادەملەرنى ئالدايدۇ.
9لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان. ◘ 1:9 دان. 10:13؛ 12:1؛ زەك. 3:2؛ 2پېت. 2:11؛ ۋەھ. 12:7. *
10لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ◼ 1:10 +bd «لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ»+bd* ــ «ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ» دېگەن ئىبارە بەلكىم ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشكە بولغان ئىشتىھاسىنى كۆزدە تۇتقان، شۇنداقلا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى، بۇزۇقلۇقلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 1:10 2پېت. 2:12. *
11بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا ئوخشاش* ئاخىر ھالاك بولىدۇ. ◼ 1:11 +bd «بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا (ئوخشاش) ئاخىر ھالاك بولىدۇ»+bd* ــ «قابىلنىڭ يولى» ــ قابىل ئۆز ئىنىسىغا ھەسەت قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە («يار.» 4-باب).
12ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!. ◼ 1:12 +bd «ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!»+bd* ــ «مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلار» دېگەنلىك خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تەبرىكلەش، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەسىرلەردە جامائەتلەر پات-پات مەلۇم بىر خۇشاللىقتىن غېرىپ-نامراتلارنى تەكلىپ قىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزەتتى؛ ئۇنداق زىياپەتلەر «مېھىر-مۇھەببەت زىياپىتى» ياكى «مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپىتى» دەپ ئاتىلاتتى. شۇ زىياپەتلەر بەلكىم دائىم «نان ئوشتۇش»، (ياكى «رەبنىڭ داستىخانى»، «رەبنىڭ كەچلىك تامىقى»)نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
13ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر. ◼ 1:13 +bd «ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا»+bd* ــ «يەش.» 20:57نى كۆرۈڭ. +bd «...ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر»+bd* ــ «ئۇلار... ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار» دېگەنلەر پەقەت «خەتەرلىك خادا تاشلار»لا ئەمەس، بەلكى دېڭىزدا يۈرگۈچىلەرگە خاتا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ تېنىتىدىغان «ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار»دەك بولىدۇ.* ◘ 1:13 يەش. 57:20. *
14ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ
15ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ». ◼ 1:15 +bd «ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ»+bd* ــ «ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن ئىخلاسسىزلىقلىرى» دېگەن ئىبارە «ئۇچىغا چىققان ئىخلاسسىزلىقلىرى» دېگەندەك گۇناھلىرىنى تەكىتلەيدۇ. +bd «ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ»+bd* ــ دېگەن سۆز، شۈبھىسىزكى، ھەربىر گۇناھكارنىڭ خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە تولۇق قوشىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
16بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ. ◼ 1:16 +bd «بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ»+bd* ــ «بۇ كىشىلەر ... غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ»: ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا قاقشاپ ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. «ئاغرىنىپ يۈرىدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ» ياكى «قۇسۇر ئىزدەپ يۈرىدۇ».* ◘ 1:16 2پېت. 2:18. *
17لېكىن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى،
18ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى. ◼ 1:18 +bd «ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى»+bd* ــ روسۇل يەھۇدا مۇشۇ يەردە ئۇلارنىڭ نېمىنى مازاق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمايدۇ. لېكىن بىر مىسال «2پېت.» 3:3دە تېپىلىدۇ.* ◘ 1:18 روس. 20:29؛ 1تىم. 4:1؛ 2تىم. 3:1؛ 4:3؛ 2پېت. 2:1؛ 3:3. *
19مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر. ◼ 1:19 +bd «مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر»+bd* ــ «ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن (ئادەملەر)» گرېك تىلىدا «جانلىق (ئادەملەر)» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئادەم ئۈچ قىسىمدىن ــ روھ، جان، تەندىن تەركىب تاپىدۇ. خۇدانىڭ ئەسلى مەقسىتى ئادەمنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ يوليورۇق كۆرسىتىش ئىدى. ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھى بىلەن ئادەملەر ئۆز روھى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى جان ۋە تەن، يەنى «ئەت» تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ (گۇناھلىق) تەبىئىتىگە ئەگەشكىلى تۇردى. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
20لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، ◼ 1:20 +bd «لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ،..»+bd* ــ «ئۆزۈڭلارنى... قۇرۇپ چىقىڭلار» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدىكى «(ئېتىقادتا) ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار» دېگەن مەنىدە. «رىملىقلارغا» ۋە «ئەفەسلۇقلارغا»دىكى «ئېتىقادنى قۇرۇش» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. +bd «مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، ...»+bd* ــ دېمەك، «مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىپ،...».*
21ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار.
22ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ ◼ 1:22 +bd «ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار»+bd* ــ «ئىككىلىنىپ قالغانلار» بولسا ئېتىقادتا ئىككىلەنگەنلەر. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار، (ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى) پەرق ئېتىڭلار؛ بەزىلەرنى... بەزىلەرنى... ».*
23بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار . ◼ 1:23 +bd «بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار»+bd* ــ دېمەك، بۇ ئىككى ئايەت (22-23)تە ئۈچ خىل ئادەملەر بار. بىرىنچى خىلى ئېتىقادقا نىسبەتەن گۇماندا تۇرىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى بولسا گۇناھقا شۇنچە چۆكۈپ كەتكەنكى، ئۇلار دوزاخنىڭ گىرداۋىدا تۇرغانلار ياكى «دوزاخ ئوتىغا چۈشەي» دەپ قالغانلار؛ ئۈچىنچى خىلى بولسا، ئادەمنى ئاسانلا ئىپلاسلىققا سۆرەيدىغان ئېغىر گۇناھلارغا پاتقانلار. شۇڭا ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولغانلار ئىنتايىن ھوشيار بولۇشى كېرەك ــ بولمىسا ئۆزلىرى بۇلغىنىپ ياكى ئازدۇرۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن («ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجىس (گرېك تىلىدا، «داغ») چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگە نەپرەتلەنگەن ھالدا» دېگەن گەپ كۆچمە مەنىدە، ئەلۋەتتە. «بۇ كىشىلەرنىڭ پاسىقلىقى ئۆزۈڭگە تەسىر يەتكۈزمىسۇن ئۈچۈن ھوشيار بول» دېگەندەك).
24-25 ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن! ◘ 1:24-25 رىم. 16:27؛ 1تىم. 1:17. *