پادىشاھلار «1» 10:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى.

2ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ◘ 10:2 2تار. 9‏:1؛ مات. 12‏:42؛ لۇقا 11‏:31*

3سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

4شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا،

5داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ◼ 10:5 +bd «(...ئۇنىڭ +bdit ، يەنى شېبانىڭ ئايال پادىشاھنىڭ+bdit*... ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭدا روھ قالمىدى». دېمەك، ئىنتايىن ھەيران قالدى.*

6ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛

7ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن.

8سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!

9سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى.

10ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس

11(ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

12پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى). ◘ 10:12 2تار. 9‏:11*

13سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

14سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. ◼ 10:14 +bd «666 تالانت»+bd* ــ 22 توننا.*

15بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى.

16سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛ ◼ 10:16 +bd «600 شەكەل»+bd* ــ 600 شەكەل بەلكىم 7 كىلوگرامغا يېقىن.* ◘ 10:16 1پاد. 14‏:26*

17شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. ◼ 10:17 +bd «ئۈچ مىنا ئالتۇن»+bd* ــ «مىنا» ئېغىرلىق بىرلىكى ئىدى، ھازىرقى بىرلىكلەردە قانچە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.* ◘ 10:17 1پاد. 7‏:2*

18پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ◘ 10:18 2تار. 9‏:17*

19تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.

20ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى.

21سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.

22چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. ◼ 10:22 +bd «تارشىش كېمە»+bd* ــ بەلكىم تارشىش دېگەن پورتقا بېرىپ كېلىش سەپىرىگە چىداملىق بولغان كېمىنى كۆرسىتەتتى. «تارشىش» دېگەن ئىسىم ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى برىتانىيەنى ياكى ئۈچىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئلىملار سومالىيەنىڭ (شەرقىي ئافرىقانىڭ) دېڭىز بويىدا تۆتىنچى بىر تارشىشمۇ بولغان، دەپ قارايدۇ.*

23سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. ◘ 10:23 1پاد. 3‏:12، 13*

24خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى.

25كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. ◼ 10:25 +bd «تېتىتقۇلار»+bd* ــ ياكى «خۇشبۇي بۇيۇملار». +bd «ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى»+bd* ــ ياكى «يىلمۇيىل ئۇلار شۇنداق قىلاتتى».*

26ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. ◘ 10:26 1پاد. 5‏:20؛ 2تار. 1‏:14؛ 9‏:25*

27پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى شەرقىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. ◼ 10:27 +bd «كېدىر دەرەخلىرىنى...»+bd* ــ ياكى «كېدىر ياغىچىنى...». لېكىن بىزنىڭچە سۇلايمان كېدىر ياغىچىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شۇ چىرايلىق دەرەخلەردىن يېرۇسالېم ئەتراپىغا كۆپ تىكتۈردى («توپ.» 5:2نى كۆرۈڭ). +bd «شەرقىي تۈزلەڭلىكتىكى...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەفەلاھدىكى...». «شەفەلاھ» بۇ يەرنىڭ (تۈزلەڭلىكنىڭ) ئىسمى.* ◘ 10:27 2تار. 1‏:15؛ 9‏:27*

28سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى. ◼ 10:28 +bd «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى»+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كارۋانغا قوشۇپ ئالاتتى». «كۇۋە» بولسا ھازىرقى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە.* ◘ 10:28 2تار. 1‏:16؛ 9‏:28*

ticle>