1رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. ◘ 12:1 2تار. 10:1*
2نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بولدىكى، ئۇ تېخى مىسىردا ئىدى (چۈنكى يەروبوئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). ◘ 12:2 1پاد. 11:40*
3ئەمدى ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى كېلىپ رەھوبوئامغا سۆز قىلىپ:
4ــ سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. ◘ 12:4 2تار. 10:4*
5ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى.
6رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى.
7ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن دېسىلە (ۋە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسىلا)، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى.
8لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ
9ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى.
10ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر.
11ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا، مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. ◼ 12:11 +bd «چايانلىق قامچىلار»+bd* ــ ياكى بولمىسا «چايانلار» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر مەلۇم ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا پادىشاھنىڭ ئىنتايىن قاتتىق مۇئامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.*
12رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
13پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتىنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
14ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. ◘ 12:15 1پاد. 11:11، 31*
16پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. ◼ 12:16 +bd «...ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىسرائىللار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى».* ◘ 12:16 2سام. 20:1*
17ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ◼ 12:17 +bd «يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللار»+bd* ــ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن بولغان.*
18رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. ◘ 12:18 1پاد. 4:6؛ 5:14*
19شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. ◼ 12:19 +bd «شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، ... ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى»+bd* ــ بۇ تارىختا مۇشۇ يەردىن باشلاپ «ئىسرائىل» دېگەن سۆز ئادەتتە «شىمالىي پادىشاھلىق»، يەنى «ئون قەبىلە»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 12:19 2پاد. 17:21*
20ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يەروبوئامنىڭ يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىردى. ئۇلار ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە رەسمىي پادىشاھ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇتنىڭ جەمەتىگە ئەگەشمىدى.
21رەھوبوئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن جەڭ قىلىپ، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ ئوغلى بولغان ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. ◘ 12:21 2تار. 11:1*
22لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ ◘ 12:22 2تار. 11:2*
23«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، پۈتۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىننىڭ جەمەتىگە ۋە خەلقنىڭ قالغانلىرىغا سۆز قىلىپ: ــ
24«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن».
25يەروبوئام بولسا ئەفرائىم تاغلىقىدىكى شەقەم شەھىرىنى ياساپ شۇ يەردە تۇردى؛ كېيىن ئۇ يەردىن چىقىپ پەنۇئەلنى ياسىدى. ◘ 12:25 مىس. 32:30*
26رەھوبوئام كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە: ــ ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇتنىڭ جەمەتىگە يېنىشى مۇمكىن.
27ئەگەر بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قۇربانلىق قىلىشقا يېرۇسالېمغا چىقسا، بۇ خەلقنىڭ قەلبى ئۆز غوجىسى، يەنى يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامغا يەنە مايىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈپ يەنە يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامنىڭ تەرىپىگە يانارمىكىن، دېدى.
28پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ خەلققە: ــ يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئى ئىسرائىل، مانا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار! ــ دېدى. ◘ 12:28 مىس. 32:8؛ 2پاد. 17:16*
29بىرىنى ئۇ بەيت-ئەلدە، يەنە بىرىنى داندا تۇرغۇزۇپ قويدى.
30بۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولدى، چۈنكى خەلق موزايلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا باش ئۇرغىلى ھەتتا دانغىچە باراتتى.
31ئۇ ھەم «ئېگىز جايلار»دا ئىبادەت* ئۆيلىرىنى ياسىدى ۋە ھەم لاۋىيدىن بولمىغان ئادەملەرنى كاھىن قىلىپ تەيىنلەپ قويدى. ◼ 12:31 +bd «ئۇ ھەم ... ئىبادەت ئۆيلىرىنى ياسىدى»+bd* ــ ياكى «ئۇ ھەم ئىبادەت ئۆيىنى ياسىدى». ئەمما 32-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 12:31 چۆل. 3:10؛ 1پاد. 13:33؛ 2پاد. 17:32؛ 2تار. 11:15*
32يەروبوئام يەنە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى خۇددى يەھۇدانىڭ زېمىنىدىكى ھېيتكە ئوخشاش بىر ھېيت قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلغىلى چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بەيت-ئەلدە ئۆزى ئەتكۈزگەن موزاي مەبۇدلىرىگە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە بەيت-ئەلدە سالدۇرغان شۇ «ئېگىز جايلار» ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىدى. ◼ 12:32 +bd «يەھۇدانىڭ زېمىنىدىكى ھېيت»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھېيت» يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورما ھېيتى» ياكى «كەپىلەر ھېيتى» ئىدى.*