1نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا ئابىيام يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ◼ 15:1 +bd «ئابىيام»+bd* ــ باشقا خىل شەكلى «ئابىياھ».* ◘ 15:1 2تار. 13:1*
2يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. ◼ 15:2 +bd «ئابىشالومنىڭ قىزى»+bd* ــ ياكى «ئابشالومنىڭ قىزى». بۇ «ئابىشالوم» داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالوم بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 15:2 2تار. 13:2*
3ئابىيامنىڭ قەلبى بوۋىسى داۋۇتنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رەھوبوئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى.
4شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا يورۇق* بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىكلەپ تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى. ◼ 15:4 +bd «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئوغلى». +bd «شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا يورۇق بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ... تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى»+bd* ــ خۇدانىڭ داۋۇتقا بىر «چىراغ» قالدۇرغانلىقى، بەلكىم ئۇنىڭ كېيىنكى كۆپ دەۋرلەرگە: «داۋۇت مېنىڭ سادىق قۇلۇم ئىدى» دەپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن دائىم ئۇنىڭ خاندانىدىكىلەردىن بىرىنى يېرۇسالېمدىكى تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا بۇ ئىش ئارقىلىق (داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە تەختتە ئولتۇرۇشى)، ئەسلىدە داۋۇتقا: كەلگۈسى بىر زاماندا سېنىڭ ئەۋلادىڭ (مەسىھ) دۇنياغا كېلىپ، دۇنيانى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قىلىدۇ» دېگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دەپمۇ كۆرسىتىدۇ.* ◘ 15:4 1پاد. 11:36*
5چۈنكى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھىتتىي ئۇرىياغا قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەمر قىلغانلىرىدىن چىقمىدى. ◘ 15:5 2سام. 11:4، 15؛ 12:9*
6ئەمدى ئابىيامنىڭ* پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. ◼ 15:6 +bd «ئابىيامنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ ئايەتتە «رەھوبوئام» بولسا رەھوبوئام جەمەتىنى ۋە «يەروبوئام» بولسا يەروبوئام جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ.*
7ئابىيامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئابىيام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى.
8ئابىيام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلدى. ئاندىن ئوغلى ئاسا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. ◘ 15:8 2تار. 13:23*
9ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ
10يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. ◼ 15:10 +bd «ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ...»+bd* ــ بۇ ئىبارىدە ئىبرانىي تىلىدا «چوڭ ئانىسى» دېگەن «ئۇنىڭ ئانىسى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا گاھى ۋاقىتلاردا «ئاتا» ياكى «ئانا» ئادەمنىڭ ئەجدادىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 11-ئايەتنى كۆرۈڭ.*
11ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
12ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى. ◼ 15:12 +bd «كەسپىي بەچچىۋازلار»+bd* ــ بۇ كىشىلەر بۇتپەرەسلىككە ياكى بۇتخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.* ◘ 15:12 1پاد. 22:47*
13ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. ◼ 15:13 +bd «ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى ... خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى»+bd* ــ «خانىشلىق مەرتىۋىسى»: بۇ سۆزگە قارىغاندا ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مائاقاھ پادىشاھلىقتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى.* ◘ 15:13 2تار. 15:16*
14«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى.
15ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا* ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. ◘ 15:15 لاۋ. 5:15*
16ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى.
17ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. ◘ 15:17 2تار. 16:1*
18ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن-ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ ◘ 15:18 1پاد. 20:1؛ 2تار. 16:2-14*
19«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى.
20بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت-مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى.
21بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى.
22ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى.
23ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى.
24ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى. ◘ 15:24 2تار. 16:13؛ 17:1*
25يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.
26ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى.
27لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.
28يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
29ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى. ◘ 15:29 1پاد. 14:10، 14*
30بۇ ئىش يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى؛ ئۇ شۇلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىغانىدى.
31نادابنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
32ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى.
33يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە تىرزاھتا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ يىگىرمە تۆت يىل سەلتەنەت قىلدى.