1لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى.
2يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى.
3ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،
4ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى.
5ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى.
6ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى.
7ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى.
8ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى. ◼ 19:8 +bd «خۇدانىڭ تېغى ھورەب»+bd* ــ «ھورەب تېغى» دەل پاران چۆل-باياۋانىغا جايلاشقان، مۇسا پەيغەمبەر تۇرۇپ ئىسرائىل ئۈچۈن «تەۋرات قانۇنى»نى قوبۇل قىلغان «سىناي تېغى»دۇر.* ◘ 19:8 مىس. 34:28؛ مات. 4:2*
9ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ◼ 19:9 +bd «ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ +bd ئاشۇ+bd* غارغا كىرىپ قوندى» دېيىلىدۇ. «ئاشۇ غار» دېگەن سۆزگە قارىغاندا ئويلايمىزكى، بۇ غار تونۇش بىر جاي بولسا كېرەك. يەھۇدىي ئۆلىمىلار بۇ غارنى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرنى يوشۇرۇپ قويغان جاي ئىدى دەپ قارايتتى، بىز بۇ پىكىرگە قايىلمىز («مىس.» 21:33-22نى كۆرۈڭ).*
10ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. ◼ 19:10 +bd «پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئىلىياسنىڭ: «ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم» دېگىنى ئۆزىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك يىرگىنچلىك بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا قاراپ «ئىبادەت پەقەت خۇداغىلا مەنسۇپ بولۇش كېرەك» دەپ بۇتلارغا ياكى بۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتقان جىن-شەيتانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە بولغان ھەسىتىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 19:10 رىم. 11:3*
11ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا* زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى.
12يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ◼ 19:12 +bd «بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى»+bd* ــ ياكى «يېنىك، بوش بىر تىنىش ئاۋاز ئاڭلاندى».*
13ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى.
14ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.
15پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ◼ 19:15 +bd «ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن»+bd* ــ «مەسىھ قىلىش» توغرىسىدا 34:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*
16ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن.
17ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. ◘ 19:17 2پاد. 9:14-37*
18لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم». ◼ 19:18 +bd «ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم»+bd* ــ خۇدانىڭ ئىلىياس پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا ئىلىياسنىڭ ھورەب تېغىغا سەپىرىنىڭ مەقسىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 19:18 رىم. 11:4*
19ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى. ◼ 19:19 +bd « +bdit ئىلىياس+bdit*... شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى»+bd* ــ ئىلىياس مۇشۇ ھەرىكىتى بىلەن «سەن ئېلىشاغا پەيغەمبەرلىك خىزمىتىم تاپشۇرۇلدى» دېگەندەك ئىدى.*
20ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى. ◼ 19:20 +bd «قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟»+bd* ــ ئىلىياسنىڭ بۇ دېگىنى بەلكىم ئېلىشاغا: «پەيغەمبەرلىك يولى تەس، سېنىڭدە خۇدانىڭ چاقىرىقى بولمىسا ماڭا ھەرگىز ئەگەشمە!» دېگەندەك بىر ئاگاھ بولۇشى مۇمكىن. «پادىشاھلار (2)» 2-بابتا ئىلىياس ئېلىشاغا يەنە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزنى قىلىدۇ.*