1داۋۇتنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، ئوغلى سۇلايمانغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ
2«ئەمدى يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يول بىلەن كېتىمەن. يۈرەكلىك بولۇپ، ئەركەكتەك بولغىن!
3سەن بارلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدا ھەمدە بارلىق نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭدا راۋاج تېپىشىڭ ئۈچۈن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا پۈتۈلگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتقىن. ◼ 2:3 +bd «بارلىق نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭدا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سەن قەيەرگە بۇرۇلساڭ،...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 2:3 قان. 17:18؛ 29:9؛ يە. 1:7*
4شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يولىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ھەقىقەتتە ماڭسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ. ◘ 2:4 2سام. 7:12؛ زەب. 132:12*
5ئەمما زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا قىلغىنىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆزى قانداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تىنچ مەزگىلدە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمەرگە ۋە پۇتىغا كىيگەن كەشىگە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان چېچىپ، داغ قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ◘ 2:5 2سام. 3:27؛ 20:10*
6سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن. ◼ 2:6 +bd «ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گۆر» «تەھتىسارا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.*
7لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگۈزگىن؛ چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا شۇنداق قىلغان. ◘ 2:7 2سام. 17:27؛ 19:31*
8ۋە مانا باھۇرىمدىن كەلگەن بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي يېنىڭدا تۇرىدۇ. ئۇ مەن ماھانائىمغا بارىدىغاندا، ئەشەددىي لەنەت بىلەن مېنى قارغىدى. كېيىن ئۇ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى* بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ قەسەم قىلدىم. ◘ 2:8 2سام. 16:5؛ 19:19*
9ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». ◼ 2:9 +bd «...ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گۆر» «تەھتىسارا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. +bd «زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب... بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي»+bd* ــ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ سۇلايمانغا دۈشمەن بولىدىغانلىقىغا داۋۇت پادىشاھنىڭ كۆزى يەتتى. ئەسلىدە ئۇ ئۇلارنى جازالاشقا توغرا كېلەتتى؛ بىراق ئۆزى ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن («2سام.» 11-باب) خىجالەتتە قېلىپ، قولى بۇ ئىشلارغا ھېچ بارمايتتى.*
10داۋۇت ئۆز ئاتا-بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دېگەن جايدا* دەپنە قىلىندى. ◼ 2:10 +bd «داۋۇت ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى»+bd* ــ مۇشۇنداق ئىبارىلەر ئۈستىدە «يارىتىلىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. +bd ««داۋۇتنىڭ شەھىرى» دېگەن جاي»+bd* ــ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»: ــ زىئوننى، يەنى يېرۇسالېمدىكى ئېگىز دۆڭگە جايلاشقان، داۋۇت قۇرغان قەلئەنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:10 روس. 2:29؛ 13:36*
11داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ◘ 2:11 1تار. 29:27*
12سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى. ◘ 2:12 1تار. 29:23؛ 2تار. 1:1*
13ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى.
14ئۇ يەنە: ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ: ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى.
15ئۇ: ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى. ◘ 2:15 1تار. 22:9؛ 28:5*
16ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئېيتقىن، دېدى.
17ئۇ: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى.
18بات-شېبا: ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى.
19بات-شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ
20ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى.
21ئۇ: ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى.
22سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىياتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى. ◼ 2:22 +bd «نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ... پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن!»+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئادونىيا ئاتىسىنىڭ كېنىزىكىنى ئەمرىگە ئالسا، خەلق ئۇنى ئاتىسىغا باراۋەر ئىكەن، شۇڭا پادىشاھ بولۇشقا لايىق دەپ قارايتتى. سۇلايماننىڭ كۆزلىرى بۇ ئىشقا يەتتى.*
23سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن!
24مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى. ◼ 2:24 +bd «+bdit پەرۋەردىگار+bdit*... ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان...»+bd* ــ «ئۆي» مۇشۇ يەردە سۇلايماندىن بولىدىغان شاھانە سۇلالىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:24 2سام. 7:12، 13*
25شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
26پادىشاھ ئابىياتار كاھىنغا: ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى. ◘ 2:26 1سام. 22:20-23؛ 2سام. 15:24*
27ئاندىن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◼ 2:27 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى»+bd* ــ بۇ سۆز «1سام.» 27:2-36دە ۋە 11:3-14دە خاتىرىلەنگەن.* ◘ 2:27 1سام. 2:31-36*
28بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. ◘ 2:28 1پاد. 1:50*
29سۇلايمان پادىشاھقا: «مانا، يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ: ــ ماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى.
30بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ: ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ يوئاب مۇنداق-مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى.
31پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي.
32شۇنداق قىلىپ ئاتام داۋۇت بىخەۋەر ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىدىن ئادىل ۋە ئېسىل ئىككى ئادەمنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ.
33ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ-خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى.
34يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى.
35پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىياتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. ◘ 2:35 1سام. 2:35*
36ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما.
37ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى.
38شىمەي پادىشاھقا: ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى.
39ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە: ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
40شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى.
41سۇلايمانغا: ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
42پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ: ــ شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، سەن قايسى كۈنى چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان بولساڭ، سەن شۇ كۈنىدە شەكسىز ئۆلىسەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭمۇ، مەن ئاڭلىغان سۆز بەرھەق، دېگەنىدىڭغۇ؟
43شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭنى بۇزۇپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان بۇيرۇقۇمنىمۇ تۇتمىدىڭ؟ ــ دېدى.
44پادىشاھ شىمەيگە يەنە: سەن ئاتام داۋۇتقا قىلغان ھەممە رەزىللىكنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مانا پەرۋەردىگار رەزىللىكىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ. ◘ 2:44 2سام. 16:5، 6، 7*
45لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بولسا بەرىكەتلىنىپ، داۋۇتنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، دېدى.