پادىشاھلار «2» 12:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1يەھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاش پادىشاھ بولدى؛ ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەر-شېبالىق زىبىياھ ئىدى. ◼ 12:1 +bd «يەھوئاش»+bd* ــ «يوئاش»نىڭ باشقا شەكلى.*

2يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. ◼ 12:2 +bd «يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، ... دۇرۇس بولغاننى قىلدى.»+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا يوئاش يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتتى؛ ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولدى («2تار.» 17:24-27نى كۆرۈڭ).*

3پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. ◼ 12:3 +bd «يۇقىرى جايلار»+bd* ــ تەۋراتتىكى «قان.» 5:12-14دە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلەردە، خۇدا ئىسرائىللارغا: بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، پەقەت «ئۆزۈم تاللىغان جاي»دا قۇربانلىق قىلسۇن، دەپ تاپىلايدۇ. ئىسرائىلنىڭ تارىخىدا خۇدا مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلىدىغان بىرنەچچە جاينى بېكىتكەنىدى (بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا جاينى بېكىتەتتى). بىراق ئىسرائىللار بەلكىم ئۆز قولايلىقىنى كۆزلەپ (ۋە بەلكىم بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوراپ) خۇدانىڭ ئەمرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ تاغ چوققىلىرى قاتارلىق يۇقىرى جايلاردا خۇداغا ئىبادەت قىلىپ قۇربانلىق قىلاتتى. بۇنىڭ شۇنداق بىر خەتىرى بار ئىدىكى، ئۇلار ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يەردە ھەرخىل بۇتلارغىمۇ چوقۇنۇپ، ھەتتا بۇتپەرەسلەرگە ئەگىشىپ «ئىنسان قۇربانلىق»لارنىمۇ قىلىشى مۇمكىن ۋە دەرۋەقە كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلاتتى (مەسىلەن، «ئەز.» 21:16، 26:20نى كۆرۈڭ).*

4يەھوئاش كاھىنلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇل، جۈملىدىن رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن ھەممە پۇلنى ◼ 12:4 +bd «رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى»+bd* ــ «مىس.» 11:30-16، «لاۋ.» 27-بابنى كۆرۈڭ.* ◘ 12:4 2پاد. 22‏:3-21*

5كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ پۇلنى ئىشلىتىپ شۇلارنى ئوڭشىسۇن، دېدى. ◼ 12:5 +bd «كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن...»+bd* ــ ياكى «كاھىنلار ئۆز تونۇشلىرىدىن...». «كاھىنلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەربىر كاھىن...» دېيىلىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر كاھىننىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئايرىم مەسئۇلىيىتى بارلىقى سەل تەكىتلىنىدۇ.*

6لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى.

7ئاندىن يەھوئاش پادىشاھ يەھويادا كاھىن ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىمىدىڭلار؟ مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار، دېدى. ◼ 12:7 +bd «...مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار»+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا كاھىنلار ھېچ بولمىغاندا ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولسا كېرەك. بۇ سۆزلەردىن ئۇلار مۇشۇ پۇللارنى خىيانەت قىلغانلىقى ناتايىن.

8شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ماقۇل بولۇشۇپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خەلقتىن پۇل ئالمايمىز ھەم ئۆزىمىز ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىمۇ ئوڭشىمايمىز، دېدى.

9ئەمدى يەھويادا كاھىن بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا قويدى؛ كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى. دەرۋازىغا قارايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن بارلىق پۇلنى ئۇنىڭغا سالاتتى.

10ۋە شۇنداق بولاتتىكى، ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىن ئىبادەتخانىغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى پۇلنى خالتىغا چىگىپ، ساناپ قوياتتى.

11ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش باشلىرىغا ئۆلچەپ-ھېسابلاپ بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ياغاچچى بىلەن تامچىلار،

12تاشچىلار بىلەن تاشتىراشلارغا بېرەتتى. ئۇلار مۇشۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا ۋە ھەممە باشقا چىقىمغا ئىشلىتەتتى. ◼ 12:12 +bd «تاشتىراشلار»+bd* ــ يەنى تاش نەقىشچىلەر ئىدى.*

13لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن پۇل ئىبادەتخانىغا ئاتىلىدىغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، پىچاقلار، پىيالىلەر، كانايلار، يا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسىتىشقا ئىشلىتىلمەيتتى.

14ئۇلار بەلكى شۇ پۇلنى ئىش بېشىلىرىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىتاتتى.

15ئۇلار پۇلنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەمچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن تاپشۇراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى قىلمايتتى؛ چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى.

16لېكىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى پۇلى بىلەن گۇناھ قۇربانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنمەيتتى؛ ئۇ كاھىنلارغا تەۋە ئىدى.

17ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى. ◘ 12:17 2پاد. 8‏:12؛ 13‏:25؛ 2تار. 24‏:23*

18شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاھازىيا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ۋە ئۆزى تەقدىم قىلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان بارلىق ئالتۇنغا قوشۇپ، ھەممىسىنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلگە ئەۋەتتى؛ ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمدىن چېكىندى. ◘ 12:18 2پاد. 18‏:15*

19يوئاشنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ◼ 12:19 +bd «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى»+bd* ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلار ئالغانىدى.*

20ئەمدى يەھوئاشنىڭ* خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ سىللا داۋىنى تەرىپىدىكى مىللو قەلئەسىدە ئۇنى ئۆلتۈردى. ◘ 12:20 2پاد. 14‏:5*

ticle>