پادىشاھلار «2» 14:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەھۇدادىكى* يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى.

2پادىشاھ بولغاندا ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق يەھوئاددان ئىدى. ◘ 14:2 2تار. 25‏:1*

3ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئەجدادى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئاتىسى يوئاشنىڭ بارلىق قىلغانلىرى بويىچە ئىش كۆرەتتى. ◼ 14:3 +bd «ئەجدادى داۋۇت»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتىسى داۋۇت».*

4پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.

5ۋە شۇنداق بولدىكى، سەلتەنىتى ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.

6لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ يا ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. ◘ 14:6 قان. 24‏:16؛ ئ‍ەز. 18‏:20*

7ئۇ «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى؛ بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.

8ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، جەڭ مەيدانىدا* يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.

9ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: ــ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى.

10سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». ◼ 14:10 +bd «نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟»+bd* ــ يەھوئاش ئېيتقان تەمسىلنىڭ ئومۇمىي مەنىسى: «سەن پەقەت بىر تىكەندۇرسەن، ئۆزۈم كېدىردەك ئۇلۇغ ئادەممەن، ئۆزۈڭگە ئۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتمە. سېنىڭ ئۇلۇغ پىلانىڭ ھەرتۈرلۈك تاسادىپىيلىقتىن مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك. گەرچە يەھوئاش پادىشاھنى «بۇتپەرەس كاپىر» دەپ ھېسابلىغىلى بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ نەسىھەتى توغرا ئىدى.*

11ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش جەڭگە چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن يەھۇدادىكى بەيت-شەمەشتە ئۇچرىشىپ سوقۇشتى.

12يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.

13ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش بەيت-شەمەشتە ئاھازىيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. ◼ 14:13 +bd «تۆت يۈز گەزلىك...»+bd* ــ تەۋراتتا «گەز» (ياكى «جەينەك») قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى، يەنى 0.454 مېتر ئۇزۇنلۇق ئىدى.*

14ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ھەمدە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ھەممە قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى.

15ئەمما يەھوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟

16يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

17ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.

18ئەمدى ئامازىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟

19ئۇ يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى، لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. ◘ 14:19 2تار. 25‏:27*

20ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.

21يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئازارىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى ◘ 14:21 2تار. 26‏:1*

22(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى). ◼ 14:22 +bd «پادىشاھ ... ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى»+bd* ــ ياكى «پادىشاھ ئاتىسى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئازارىيا ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ ئۇنى يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلدى»*

23يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ، سامارىيەدە قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى.

24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاشلىمىدى.

25ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى گات-ھەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس پەيغەمبەر* ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ شىمالدا* خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ جەنۇبتا* «ئاراباھ دېڭىزى»غىچە ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ◼ 14:25 +bd «خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ...»+bd* ــ ياكى «لىبو-خاماتتىن تارتىپ...». +bd «ئاراباھ دېڭىزى»+bd* ــ «ئۆلۈك دېڭىز»دۇر.* ◘ 14:25 يۇن. 1‏:1؛ مات. 12‏:39، 40*

26چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى. ◼ 14:26 +bd «ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەيلى قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى».*

27پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىمەن» دېگەن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا ئۇ يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى.

28ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە قانداق جەڭ قىلىپ، ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق بىلەن خاماتنى ياندۇرۇۋالغانلىقى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟

ticle>