1رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا، يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ◘ 16:1 2تار. 28:1*
2ئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلغانىدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى.
3ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى، ھەتتا پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى. ◘ 16:3 لاۋ. 18:21؛ 20:2، 3؛ 2پاد. 17:31*
4ئۇ «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا قۇربانلىق قىلىپ، كۈجە كۆيدۈرەتتى.
5شۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پادىشاھ* ئاھازنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالغىنى بىلەن، لېكىن ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىدى. ◘ 16:5 يەش. 7:1*
6ئاشۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئېلات شەھىرىنى سۇرىيەگە قايتۇرۇۋالدى ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارنى ھەيدىۋەتتى. ئاندىن سۇرىيلەر كېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا.
7ئاھاز ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: مەن سىلىنىڭ قۇللىرى، سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن؛ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چىققايلا، دېدى.
8شۇنى ئېيتىپ ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىكى كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى سوۋغا قىلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ئەۋەتتى. ◘ 16:8 2تار. 28:21*
9ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى دەمەشققە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇنىڭدىكى ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىپ كىر شەھىرىگە ئېلىپ باردى ۋە رەزىننى ئۆلتۈردى.
10ئاھاز پادىشاھ ئەمدى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر بىلەن كۆرۈشكىلى دەمەشققە باردى ۋە شۇنداقلا دەمەشقتىكى قۇربانگاھنى كۆردى. ئاندىن ئاھاز پادىشاھ شۇ قۇربانگاھنىڭ رەسىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىلىش تەپسىلاتلىرىنىڭ لايىھىسىنى سىزىپ، ئۇنى ئۇرىيا كاھىنغا يەتكۈزدى.
11شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن بارلىق تەپسىلاتلار بويىچە بىر قۇربانگاھ ياسىدى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كەلمەستە، ئۇرىيا كاھىن ئۇنى شۇنداق تەييار قىلغانىدى.
12پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كېلىپ، قۇربانگاھنى كۆرۈپ، قۇربانگاھقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇندى؛
13ئۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، شاراب ھەدىيەسىنى تۆكۈپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ قېنىنى چاچتى.
14شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز قۇربانگاھىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. ◼ 16:14 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى كۆرسىتىدۇ.*
15ئاھاز پادىشاھ ئۇرىيا كاھىنغا بۇيرۇق قىلىپ: مۇشۇ چوڭ قۇربانگاھ ئۈستىگە ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ھەممە يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كۆيدۈرۈپ سۇنىسەن. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرىنى ئۇشبۇ قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۆكىسەن. مىس قۇربانگاھ بولسا مېنىڭ يول سورىشىم ئۈچۈن بولسۇن، دېدى. ◼ 16:15 +bd «مىس قۇربانگاھ بولسا مېنىڭ يول سورىشىم ئۈچۈن بولسۇن»+bd* ــ پادىشاھنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى بەلكىم «بۇ قۇربانگاھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پەرۋەردىگاردىن يول سورايمەن». قىزىق يېرى شۇكى، ئاھازدەك بىر ئىنسان بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماقچى بولىدۇ.*
16شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى.
17ئاھاز پادىشاھ داس تەگلىكلىرىگە بېكىتىلگەن تاختايلارنى كېسىپ ئاجرىتىپ، داسلارنى تەگلىكلىرىدىن ئېلىۋەتتى؛ ئۇ مىس «دېڭىز»نى تېگىدىكى مىس ئۇيلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى تاش تاختايلىق بىر مەيدانغا قويدۇردى. ◘ 16:17 1پاد. 7:23-51*
18ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تۇتىشىدىغان «شابات كۈنىدىكى ئايۋانلىق يول» بىلەن پادىشاھ تاشقىرىدىن كىرىدىغان يولنى ئېتىۋەتتى.
19ئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟