پادىشاھلار «2» 17:1-40 UIGB2010 - Bible AI

1يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى.

2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى.

3ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئېزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى.

4ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى.

5ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل ئىسرائىل* زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى. ◘ 17:5 2پاد. 18‏:9*

6ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. ◘ 17:6 2پاد. 18‏:10؛ يەش. 8‏:4*

7مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ

8پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى. ◘ 17:8 لاۋ. 18‏:3*

9ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى. ◼ 17:9 +bd «كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم سېپىلدىكى مۇناردىن شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى قورغانغىچە ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «سىرتتىن ئىچكىرىگىچە».*

10ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى. ◼ 17:10 +bd ««ئاشەراھ» بۇتلار»+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.*

11پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان يات* ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى.

12گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. ◘ 17:12 مىس. 20‏:3، 4، 5؛ قان. 5‏:7، 8، 9*

13پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى. ◼ 17:13 +bd «تەستىقلىغان»+bd* ــ ياكى «ئەۋەتكەن».* ◘ 17:13 يەر. 18‏:11؛ 25‏:5؛ 35‏:15*

14لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى. ◘ 17:14 قان. 31‏:27؛ مال. 3‏:7*

15ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى. ◼ 17:15 +bd «ئەرزىمەس نەرسىلەر»+bd* ــ مۇشۇ يەردە بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.*

16ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. ◼ 17:16 +bd «ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاسماندىكى قوشۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋراتتىن بىلىمىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە بەزى ئەھۋالدا ئاسماندىكى يامان كۈچلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار («زەب.» 4:147، «ئايۇپ» 4:38-7، «ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ).* ◘ 17:16 مىس. 32‏:8؛ 1پاد. 12‏:28*

17ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ◼ 17:17 +bd «ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»+bd* ــ بەلكىم ئۇلارنى «ئىنسان قۇربانلىقى» قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى.* ◘ 17:17 لاۋ. 20‏:3، 4؛ قان. 18‏:10؛ 2پاد. 16‏:3*

18شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز زېمىنىدا* قالدۇرۇلمىدى. ◘ 17:18 ھوش. 1‏:6*

19لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى. ◘ 17:19 لاۋ. 18‏:3*

20ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە زېمىنىدا* خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ◼ 17:20 +bd «پەرۋەردىگار ... ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنى»+bd* ــ بۇنىڭدا كۆزدە تۇتۇلغىنى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلدۇرۇش كۈنىدىن ئىبارەتتۇر (23-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئىسرائىل خەلقىنىڭ «خۇدانىڭ نەزىرىدىن تاشلىنىشى»، يەنى سۈرگۈن بولۇشى ئۇلارغا نىسبەتەن خۇدانىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جازاسى، ئەلۋەتتە.*

21ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى. ◼ 17:21 +bd «ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋالغانىدى». «1پاد.» 11:11، 31:11، 8:14نى كۆرۈڭ.* ◘ 17:21 1پاد. 12‏:16، 17، 26*

22ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى.

23ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى. ◼ 17:23 +bd «ئۇ يەردە +bdit ، يەنى ئاسۇرىيەدە+bdit* بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ يەھۇدادىكىلەر بابىل ئىمپېرىيەسىدىن قايتىپ كېلىش (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى)تىن ئىلگىرى خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.*

24ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى.

25ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى.

26شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى.

27شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى.

28ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى.

29لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى.

30بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى،

31ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى.

32ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن. ◘ 17:32 1پاد. 12‏:31*

33ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى. ◘ 17:33 زەف. 1‏:5*

34بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ. ◼ 17:34 +bd «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرىگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، «ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرى» دېگەن بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 17:34 يار. 32‏:27؛ 35‏:10؛ 1پاد. 18‏:31*

35پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ ◘ 17:35 ھاك. 6‏:10*

36پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار.

37ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار.

38مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار،

39بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى.

40لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى.

ticle>