1ئېلاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، يەھۇدانىڭ سابىق* پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ◘ 18:1 2تار. 28:27؛ 29:1*
2ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابى ئىدى؛ ئۇ زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى.
3ھەزەكىيا بولسا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى.
4ئۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈكلەر»نى چېقىپ «ئاشەراھ»لارنى كېسىپ تاشلاپ، مۇسا ياساتقان مىس يىلاننى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ (چۈنكى ئۇ چاغقىچە ئىسرائىللار ئۇنىڭغا خۇشبۇي ياقاتتى)، ئۇنىڭغا «نەھۇشتان!» دەپ ئىسىم قويدى. ◼ 18:4 +bd «نەھۇشتان!»+bd* ــ «بىر پارچە مىس، خالاس!» دېگەن مەنىدە. بۇ يىلان توغرۇلۇق «چۆل.» 4:21-9نى كۆرۈڭ.* ◘ 18:4 2تار. 31:1*
5ھەزەكىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. بۇ جەھەتتە نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچبىرى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. ◼ 18:5 +bd «بۇ جەھەتتە»+bd* ــ دېمەك، خۇداغا تايىنىش جەھەتتە، ئىمان-ئىشەنچنى ئىپادىلەش تەرەپتە.*
6ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى.
7پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇ قايسىلا ئىشقا چىقسا شۇنىڭدا راۋاجلىق بولاتتى. ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇشتىن ياندى.
8ئۇ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گازا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلىرىغىچە، كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە بېسىپ مەغلۇپ قىلدى. ◼ 18:8 +bd «كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم سېپىلدىكى مۇناردىن شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى قورغانغىچە ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «سىرتتىن ئىچكىرىگىچە».* ◘ 18:8 يەش. 14:29، 30*
9ۋە شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ سابىق* پادىشاھى ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئېزەر سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قامال قىلدى. ◘ 18:9 2پاد. 17:3*
10ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار شەھەرنى ئالدى؛ ھەزەكىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. ◘ 18:10 2پاد. 17:6*
11ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاھدا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇردى.
12چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلدى؛ ئۇلار ياكى قۇلاق سالمىدى، ياكى ئەمەل قىلمىدى. ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى - مىلادىيەدىن ئىلگىرى 650-يىلى|src="assyrianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«2 پاد.» 18" *
13ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. ◘ 18:13 2تار. 32:1؛ يەش. 36:1*
14ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا: مەن گۇناھكار! مەندىن چېكىنگەيلا، ئۈستۈمگە ھەرنېمە چۈشۈرسىلە شۇنى تۆلەيمەن*، ــ دېدى.
15ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئېلىپ بەردى.
16شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ۋە ئۆزى ئەسلىدە قاپلاتقان ئىشىك كېشەكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بەردى. ◼ 18:16 +bd «ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ... ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ...»+bd* ــ بۇ تېكىستتە «ئالتۇن» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى يوق. لېكىن ئىبادەتخانا ئىچىدىكى بارلىق ياغاچلارغا چاپلانغان مېتال ئالتۇن بولۇشى كېرەك ئىدى («1پاد.» 32:6-35نى كۆرۈڭ).*
17شۇ چاغدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تارتان، راب-سارىس ۋە راب-شاكەھلىرىنى چوڭ قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىپ كەلدى. چىققاندا، ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. ◼ 18:17 +bd «تارتان»+bd* ــ ئاسۇرىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش سەردارىنىڭ، «راب-سارىس» باش ئاغۋاتنىڭ، «راب-شاكەھ» پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. +bd «ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى»+bd* ــ مۇشۇ يەر دەل يەشايا پەيغەمبەر ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان يەر («يەش.» 7-بابنى كۆرۈڭ).*
18ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ كاتىپى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا تەزكىرىچىسى يوئاھلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى.
19ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ
20سەن: «ئۇرۇش قىلىشقا تەدبىر-مەسلىھەتىمىز ھەم كۈچىمىز بار، دەيسەن ــ بۇ پەقەت بىر قۇرۇق گەپ، خالاس! ــ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ ◼ 18:20 +bd «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار... سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟»+bd* ــ مۇشۇ گېپىگە قارىغاندا، ئاسۇرىيەدىكىلەرنىڭ يەشايانىڭ «پەقەت پەرۋەردىگارغا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن بېشارەتلىرىدىن خەۋىرى بار ئوخشايدۇ.*
21مانا ئەمدى سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن. بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! ◘ 18:21 يەش. 36:6؛ ئەز. 29:6، 7*
22ئەگەر سىلەر ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭلار، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ ◼ 18:22 +bd «... ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىللار پەقەت يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھتىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. ئەسلىدە ھەزەكىيا مۇشۇ پەرمانغا ئاساسەن بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان قۇربانگاھلارنى ھەم خاتا يول بىلەن قۇرۇلغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» ئىبادەت قىلىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى يوقاتقان. راب-شاكەھ شۇ گەپ بىلەن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ئىسرائىللارنى قايمۇقتۇرماقچى ئىدى، ئەلۋەتتە.*
23ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» ◼ 18:23 +bd «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!»+bd* ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەتتىكى چاغلاردا يەھۇدادا ئاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەمەس، ھەتتا ئاددىي ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.*
24سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر!
25مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!».
26ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ
27بىراق راب-شاكەھ: ــ
28ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى.
29ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى پادىشاھنىڭ* قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
30ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!
31ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛
32تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! ◼ 18:32 +bd «... مەن كېلىپ سىلەرنى ... زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!»+bd* ــ مۇشۇ گەپلەر چىرايلىق بولغىنى بىلەن مەنىسى ئېنىقكى: ــ «مېنىڭ ئەسىرلىرىم، قۇللىرىم بولىسىلەر!» دېگەنلىك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر ئالدامچى ئىدى.*
33ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟
34خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟!
35مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» ــ دېدى.
36ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ