1شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.
2ئۇ ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا كاتىپى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز قاپلانغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. ◘ 19:2 يەش. 1:1*
3ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ
4ئۆز خوجايىنى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ بارلىق گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېلىپ قالغان قالدىسى ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ» ــ دېدى.
5شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى.
6يەشايا ئۇلارغا: ــ
7مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. ◼ 19:7 +bd «... مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن»+bd* ــ يەشايانىڭ مۇشۇ ۋەھىيىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ ھەزەكىيانىڭ (6-ئايەتتىكى) تەلىپى بويىچە دۇئا قىلماي، بەلكى بىۋاسىتە خەۋەرچىلەرگە جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئاسۇرىيە توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى قىلغان. خۇدا مۇشۇ پەيت-ئەھۋال توغرۇلۇق ئىسرائىلغا ئۇقتۇرغان (مەسىلەن، «يەش.» 5:10-21، 24:14-25نى كۆرۈڭ). بىراق ھەزەكىيا ۋە ئوردىسىدىكىلەر مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەن كارامەت مۆجىزىلەرنى («يەش.» 38-بابنىمۇ كۆرۈڭ) پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ.*
8راب-شاكەھ ئۆزى كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى.
9چۈنكى پادىشاھ: «مانا، ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ ◼ 19:9 +bd «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى»+bd* ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.*
10«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ
11مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇلامسەن؟ ◼ 19:11 +bd «ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش»+bd* ــ بۇ دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.*
12ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنىڭ ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ، تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟
13خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». ◼ 19:13 +bd «خامات، ئارپاد، سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ»+bd* ــ مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.*
14شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى.
15ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
16ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن!
17ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، ◼ 19:17 +bd «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىنى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. بىز شەرھلەش ئۈچۈن ئۇنى قوشتۇق.*
18ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
19ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
20شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ
21پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ
22سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟
23ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ؛ ــ
24ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ ياقا يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچتىم؛
25ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟
26شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ،
27بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛
28سېنىڭ ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن،
29ئى ھەزەكىيا*، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى،
30يەھۇدا جەمەتىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ،
31چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى،
32شۇڭا، پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
33ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا،
34ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». ◘ 19:34 2پاد. 20:6*
35شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! ◼ 19:35 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، تەۋراتتىكى «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ). «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 19:35 يەش. 37:36*
36شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى.