1ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇداغا* ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى؛ يەھوئاكىم ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە بېقىندى بولدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن تېنىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. ◘ 24:1 2تار. 36:6*
2شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا كالدىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، سۇرىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، موئابىيلار بۇلاڭچىلار شايكىسى، ۋە ئاممونىيلار بۇلاڭچىلار شايكىلىرىنى قوزغىدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ھالاك قىلىش ئۈچۈن قوزغىدى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھ قىلغان سۆز-كالامىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. ◘ 24:2 2پاد. 20:17؛ 23:27*
3دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ماناسسەھنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدانى ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.
4چۈنكى ماناسسەھنىڭ* ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى* ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى.
5يەھوئاكىمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
6يەھوئاكىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخىلدى؛ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
7مىسىرنىڭ پادىشاھى بولسا ئۆز يۇرتىدىن ئىككىنچى چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى «مىسىر ئېقىنى»دىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بولغان مىسىر پادىشاھىغا تەۋە زېمىننى تارتىۋالغانىدى. ◼ 24:7 +bd «مىسىر ئېقىنى»+bd* ــ نىل دەرياسى ئەمەس، بەلكى سىناي چۆلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كىچىك دەريادۇر.*
8يەھوئاكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نەھۇشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى ئىدى.
9يەھوئاكىن ئاتىسىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
10بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ سەردارلىرى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغىلى چىقىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. ◼ 24:10 +bd «سەردارلىرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خىزمەتكارلىرى».* ◘ 24:10 دان. 1:1*
11ئۇنىڭ سەردارلىرى شەھەرنى قامال قىلىپ تۇرغاندا نېبوقادنەسار ئۆزىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى.
12ئاندىن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىن بىلەن ئانىسى، بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئاغۋاتلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەن بەردى. شۇنداق قىلىپ بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلىپ تۇتتى. ◼ 24:12 +bd «ئاغۋاتلىرى»+bd* ــ ياكى «ئوردىدىكى غوجىدارلىرى».*
13نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى. ◘ 24:13 2تار. 20:17؛ يەش. 39:6*
14يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.
15ئۇ يەھوئاكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ ئاغۋاتلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ باردى. ◘ 24:15 2تار. 36:10؛ ئەست. 2:6*
16ئۇ باتۇر-پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى (يەتتە مىڭ ئىدى)، ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى (جەمئىي بىر مىڭ ئىدى) ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئادەملەر بولۇپ، بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ◘ 24:16 يەر. 52:28*
17ئاندىن بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ تاغىسى ماتتانىيانى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەدەكىياغا ئۆزگەرتتى. ◘ 24:17 يەر. 37:1؛ 52:1*
18زەدەكىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى.
19زەدەكىيا يەھوئاكىمنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى.