1يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى، ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
2ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى بىلەن ئانىسى قىلغان دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان «بائال تۈۋرۈكى»نى ئېلىپ تاشلىدى. ◘ 3:2 1پاد. 16:32*
3لېكىن ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچ يانمىدى.
4موئابنىڭ پادىشاھى مېشا ناھايىتى چوڭ قويچى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى. ◼ 3:4 +bd «يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى»+bd* ــ ياكى «يۈز مىڭ قوزىنىڭ ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان ئەۋەتەتتى».*
5ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئاھاب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز ئۆرۈدى. ◘ 3:5 2پاد. 1:1*
6ئۇ ۋاقىتتا يەھورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ ھەممە ئىسرائىلنى جەڭ ئۈچۈن* ئېدىتلىدى.
7ئۇ يەنە ئادەم ئەۋىتىپ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا خەۋەر بېرىپ: موئابنىڭ پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرىدى؛ موئاب بىلەن سوقۇشقىلى چىقامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: چىقىمەن؛ بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدۇر، دېدى. ◼ 3:7 +bd «بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۆزۈم ساڭا ئوخشاش بولىمەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 3:7 1پاد. 22:4*
8ئۇ يەنە: قايسى يول بىلەن چىقايلى، دەپ سورىدى. يەھورام: بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى، دەپ جاۋاب بەردى.
9ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى.
10ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئاپلا! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ، بىر يەرگە جەم قىلغان ئوخشايدۇ، دېدى.
11لېكىن يەھوشافات: پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىدىن بىرى: ئىلىياسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا بۇ يەردە بار، دېدى. ◘ 3:11 1پاد. 22:7*
12يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى.
13ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە كارىم! ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن، دېدى.
14ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى ساڭا قارىمىغان بولاتتىم. ◼ 3:14 +bd «مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇنىڭ (خۇدانىڭ) ئالدىدا تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېلىشا ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا دائىم غوجىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان خىزمەتكارغا ئوخشىتىدۇ.* ◘ 3:14 1پاد. 17:1*
15لېكىن ئەمدى بېرىپ بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
16ئۇ: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار» دېدى، ــ دېدى ئاندىن يەنە:
17ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر».
18لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
19سىلەر بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە بارلىق ئېسىل شەھەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ھەممە بۇلاقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تاشلار بىلەن قاپلاپ خاراب قىلىسىلەر» ــ دېدى.
20ۋە ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇلغان ۋاقتىدا، مانا، سۇ ئېدوم زېمىنى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ھەممە يەرنى سۇغا توشقۇزدى.
21ئەمما موئابلارنىڭ ھەممىسى: پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولۇپ، ساۋۇت-قالقان كۆتۈرەلىگۈدەك چوڭ-كىچىك ھەممىسى چېگرادا تىزىلىپ سەپتە تۇردى.
22ئۇلار ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ قارىسا، كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ ئۈستىگە چۈشكەنىدى؛ كۈننىڭ شولىسىدا سۇ ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ئۇلار: ــ
23بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى قىرغان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! دەرھال ئولجىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بۆلىشىۋالايلى! دېدى.
24لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار ئورنىدىن قوپۇپ موئابلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار بەدەر قاچتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتتى.
25ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ھەربىر ئادەم تاش ئېلىپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تولدۇرۇۋەتكۈچە تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە بۇلاق-قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى. شۇ شەھەرگە بولسا، سالغا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا چۆرگىلەپ ھۇجۇم قىلدى. ◼ 3:25 +bd «ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى»+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىنىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلمىدى» دېگەندەك بولسا كېرەك.*
26موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزى بىلەن يەتتە يۈز قىلىچۋازنى ئېلىپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاتلاندى؛ لېكىن ئۇلار بۆسۈپ ئۆتەلمىدى.