1ئېلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا نەسىھەت قىلىپ: ــ سەن ۋە ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن بېرىپ، قەيەردە ئولتۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ ئاچارچىلىق بولسۇن، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىندا يەتتە يىلغىچە تۈگىمەيدۇ، دېدى. ◘ 8:1 2پاد. 4:34*
2شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك ئۆز ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە يىلغىچە تۇردى.
3ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە يىل ئۆتكەندە، ئايال فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدىن يېنىپ كەلدى؛ ئۇ پادىشاھتىن ئۆيى بىلەن زېمىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى باردى.
4شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گەھازى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا: ــ ئېلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ماڭا بايان قىلىپ بەرگىن، دەۋاتاتتى.
5ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا ئېلىشانىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن شۇ ئايال پادىشاھتىن ئۆز ئۆيى ۋە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدى. گەھازى: ــ ئى پادىشاھ غوجام، مانا، بۇلار مەن ئېيتقان ئايال ۋە ئېلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى دەل شۇ، دېدى.
6پادىشاھ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ شۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئاغۋاتنى بەلگىلەپ: ــ ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ بارلىق كىرىمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دېدى.
7ئەمدى ئېلىشا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. پادىشاھقا: خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى، دەپ خەۋەر بېرىلدى.
8پادىشاھ ھازائەلگە: ــ ئۆزۈڭ بىر سوۋغا ئېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مېنىڭ توغرامدا: «ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ، ساقايمايدۇ» دەپ سورىغىن، ــ دېدى. ◘ 8:8 1پاد. 14:2، 3؛ 2پاد. 1:2*
9شۇنىڭ بىلەن ھازائەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. ئۇ ئۆزى بىلەن دەمەشقتىكى ھەرخىل ئېسىل ماللاردىن قىرىق تۆگە سوۋغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئوغلۇڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد مېنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ، ساقايمايمەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ــ دېدى.
10ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ چوقۇم ساقىيىسەن، دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدى، دېدى.
11خۇدانىڭ ئادىمى تاكى ھازائەل خىجىل بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى يىغلاشقا باشلىدى.
12ھازائەل: ــ غوجام نېمىشقا يىغلايلا! دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن سېنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يىگىتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىسەن، دېدى. ◘ 8:12 2پاد. 10:32؛ 12:17؛ 13:7*
13ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى.
14ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ غوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەن-ھاداد ئۇنىڭدىن: ــ ئېلىشا ساڭا نېمە دېدى، دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئۇ ماڭا سىلىنىڭ توغرىلىرىدا، چوقۇم ساقىيدۇ، دەپ ئېيتتى، دېدى.
15ئەتىسى ھازائەل بىر پارچە بۆزنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ پادىشاھنىڭ يۈزىنى ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى؛ ۋە ھازائەل ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
16ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. ◼ 8:16 +bd «يورام»+bd* ــ «يەھورام»نىڭ باشقا بىرخىل شەكلى. مۇشۇ ئايەتتە ئىككى يەھورام بار؛ بىرىنچىسى ئىسرائىل، يەنى شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى، ئىككىنچىسى يەھۇدانىڭ پادىشاھى. +bd «يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى»+bd* ــ دېمەك، يەھوشافات ۋە ئوغلى يەھورام ئىككىسى تەڭ سەلتەنەت قىلىدۇ.* ◘ 8:16 2تار. 21:4، 5*
17ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى.
18ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى .
19لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى. ◼ 8:19 +bd «داۋۇت ... بىر چىراغ... بېرىمەن»+bd* ــ «1پاد.» 36:11 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «چىراغ» ــ بۇ كۆچمە مەنىلىك سۆز بولۇپ، داۋۇتنىڭ خاندانىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ خانداننىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى (1) داۋۇتنىڭ خۇداغا سادىق بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان «چىراغ» بولىدۇ؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتقا: سەن ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى سورايدىغان مەسىھ تۇغۇلىدۇ، دەپ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان «چىراغ» بولىدۇ.* ◘ 8:19 2سام. 7:13؛ 1پاد. 11:36؛ 15:4؛ زەب. 132:17-18*
20ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم يەھۇدانىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئازاد بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق تىكلىدى. ◘ 8:20 يار. 27:40؛ 2تار. 21:8*
21شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ زائىر شەھىرىگە ئۆتتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى؛ لېكىن ئاخىرىدا يەھۇدا* لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. ◼ 8:21 +bd «يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن...»+bd* ــ «يورام» ياكى «يەھورام». +bd «زائىر شەھىرىگە ئۆتتى»+bd* ــ يەنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. +bd «ئاخىرىدا يەھۇدا لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى»+bd* ــ ئەينى تېكىستتە «يەھۇدا» دېگەن سۆز يوق. لېكىن مۇشۇ يەردە «لەشكەرلەر» (ئىبرانىي تىلىدا «خەلق») يەھۇدىي لەشكەرلەرنى كۆرسەتسە كېرەك.*
22شۇنىڭ بىلەن ئېدوملار يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئازاد بولدى. ئۇ ۋاقىتتا لىبناھمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى.
23ئەمدى يورامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ◼ 8:23 +bd «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى»+bd* ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ ئۆزى ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» بۇ كىتابتىن كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالغان.*
24يورام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. ◘ 8:24 2تار. 21:19*
25ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ◘ 8:25 2تار. 22:1*
26ئاھازىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى ئىدى. ◘ 8:26 2تار. 22:2*
27ئاھازىيا* ئاھابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا يۈرۈپ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمجەمەت ئىدى.
28ئاھابنىڭ ئوغلى يورام سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا سوقۇشقاندا ئاھازىيا ئۇنىڭغا ھەمدەملىشىپ سوقۇشقا چىققانىدى. سۇرىيلەر يورامنى زەخىملەندۈردى.