1ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «بېلىڭنى باغلاپ بۇ ماي قاچىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن. ◘ 9:1 1پاد. 19:16*
2ئۇ يەرگە بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇنى تېپىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆز بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىر.
3ئاندىن قاچىدىكى ماينى بېشىغا قۇيۇپ: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم، دېگىن؛ شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ چىققىن، ھايال بولما» ــ دېدى. ◘ 9:3 2تار. 22:7*
4شۇنىڭ بىلەن شۇ ياش پەيغەمبەر يىگىت گىلېئادتىكى راموتقا باردى.
5ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇ: ــ ئى سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار، دېدى.
6ئۇ قوپۇپ ئۆيگە كىردى. يىگىت بېشىغا ماينى قۇيۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم.
7سەن ئۆز غوجاڭ ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن؛ چۈنكى ئۆز قۇللىرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قۇللىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي. ◼ 9:7 +bd «يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىزەبەلنىڭ قولىدىن ئىنتىقام ئالاي».*
8ئاھابنىڭ پۈتكۈل جەمەتى يوقىلىدۇ؛ ئاھابنىڭ جەمەتىدىن ئىسرائىلدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. ◼ 9:8 +bd «ھەممە ئەركەكلەر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تامغا قاراپ سىيىدىغان ھەربىرى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. +bd «ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ياكى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىسىنى...».* ◘ 9:8 1پاد. 21:21*
9مەن ئاھابنىڭ جەمەتىنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدەك ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىدەك يوق قىلىمەن. ◘ 9:9 1پاد. 14:10؛ 15:29؛ 16:11،3*
10ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ».
11يەھۇ ئۆز غوجىسىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ چىققاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ تەلۋە سېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
12ئۇلار: يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە! دېۋىدى، ئۇ: ــ ئۇ ماڭا مۇنداق-مۇنداق دەپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم» دەپ ئېيتتى ــ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى.
14شۇنىڭ بىلەن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇ يورامنى قەستلىمەكچى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا يورام بىلەن بارلىق ئىسرائىللار گىلېئادتىكى راموتتا تۇرۇپ، ئۇ جاينى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى.
15ئەمدى يورام پادىشاھ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە يېنىپ كەلگەنىدى. يەھۇ بولسا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە*: سىلەرگە لايىق كۆرۈنسە، يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرگۈدەك ھېچكىمنى شەھەردىن قاچۇرماڭلار، دېگەنىدى. ◘ 9:15 2پاد. 8:29*
16يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى).
17ئەمدى كۆزەتچى يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ، يەھۇ قاتارلىق بىر توپ ئادەملەرنى كۆردى. ئۇ: «بىر توپ ئادەملەرنى كۆردۇم» دېدى. يورام: بىر ئاتلىق كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىسۇن، دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى.
19شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى.
20كۆزەتچى پادىشاھقا* خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ئۇ تەلۋىلەرچە ھەيدەيدۇ، دېدى.
21يورام: ــ ھارۋىنى قېتىڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قېتىپ تەييارلىدى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا، ھەربىرى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يەھۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. ◼ 9:21 +bd «ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى»+bd* ــ «1پاد.» 1:21-24نى كۆرۈڭ.*
22يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى. ◼ 9:22 +bd «بۇزۇقچىلىق»+bd* ــ مۇشۇ يەردە ھەم زىناخورلۇقنىڭ ئۆزى ھەم كۆچمە مەنىدە بۇتپەرەسلىكنى كۆرسەتسە كېرەك.*
23شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى.
24يەھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئوق سېلىپ يورامنىڭ كەينى تەرىپىدىن* ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلىپ چۈشتى.
25يەھۇ ئۆز يېنىدىكى ئەمەلدارى بىدكارغا: ئۇنى ئېلىپ يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭدا بولسۇنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان: ــ ◼ 9:25 +bd «...مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...مۇنداق بىر يۈكنى سالغان». ئادەتتە «يۈك» خۇدانىڭ ھۆكۈمى ياكى جازاسىنى جاكارلايدىغان ۋەھىيى ئىدى.*
26«مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ قان قەرزىنى* دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى. ◘ 9:26 1پاد. 21:19*
27يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى. ◼ 9:27 +bd ««باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن»+bd* ــ ياكى «بەيت-ھاگگانغا بارىدىغان يول بىلەن».* ◘ 9:27 2تار. 22:7-9*
28شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى
29(ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى).
30يەھۇ ئەمدى يىزرەئەلگە كەلدى، يىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چاچلىرىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى.
31يەھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: ئى زىمرى، ئۆز غوجاڭنىڭ قاتىلى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 9:31 +bd «زىمرى»+bd* ــ 44 يىل ئىلگىرى ئىسرائىل پادىشاھ ئېلاھدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن. «1پاد.» 9:16-20نى كۆرۈڭ.* ◘ 9:31 1پاد. 16:18*
32يەھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرۇپ: ــ مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم بار؟ دەپ سورىۋىدى، ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.
33ئۇ: شۇ ئايالنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار، دېيىشىگىلا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. ئۇ ئۇنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
34ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى. ◘ 9:34 1پاد. 16:31*
35لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەيلى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، ئاياغلىرى ۋە قولىنىڭ ئالقىنىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى.
36ئۇلار يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى تىشبىلىق ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر: ــ «ئىتلار يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. ◘ 9:36 1پاد. 21:23*