پېترۇس «1» 1:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام. ◼ 1:1 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام»+bd* ــ «تارقاق مۇساپىرلار» توغرۇلۇق «ياقۇپ»تىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تارقاق مۇساپىرلار» ــ ئاسۇرىيەنىڭ ۋە كېيىنكى بابىل ئىمپېرىيەسىدىن باشلاپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنىدى. پەلەستىنگە قايتىپ كەلمەي، چەت يەرلەردە قالغان يەھۇدىيلار «تارقاق مۇساپىرلار» (گرېك تىلىدا «دىئاسپورا») دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن مۇشۇ يەردە «تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا خەتتە تىلغا ئېلىنغان جايلاردا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز (10:2نى كۆرۈڭ).

2سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي! ◼ 1:2 +bd «سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر»+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى»: ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى «تەۋرات دەۋرى»دىكى قۇربانلىقلارنىڭ قېنىدەك، ئادەمنىڭ بەدىنى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدان-قەلبىگە سېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھلىرىدىن پاك بولىدۇ («يەش.» 15:52 ۋە ئىزاھاتىنى، «ئىبر.» 13:9، 24:12نى كۆرۈڭ).* ◘ 1:2 رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ گال. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 2پېت. 1‏:2؛ يەھ. 2. *

3ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىقى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ◘ 1:3 رىم. 6‏:23؛ 1كور. 15‏:20؛ 2كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:3؛ ياق. 1‏:18. *

4دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. ◘ 1:4 كول. 1‏:5؛ 2تىم. 1‏:12. *

5ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر.

6سىلەر بۇ نىجاتتىن* زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ. ◘ 1:6 رىم. 5‏:3؛ ئىبر. 10‏:37؛ 1پېت. 5‏:10؛ ياق. 1‏:2. *

7ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا* ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ◼ 1:7 +bd «ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئالتۇننىڭ ساپلىقى ياكى ھەقىقىي ئىكەنلىكى ئوت بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. خۇدا ئېتىقادىمىزنىڭ ھەقىقىي ياكى ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە، لېكىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ھەمدە بىزنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بىزنى ھەرخىل سىناقلارغا ئۇچرىتىدۇ. مۇئەللىپ مۇشۇ سىناقلار توغرۇلۇق ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن گۇمان قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە 8-ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنچىنى بىلدۈرۈپ، دەرۋەقە ھەقىقىي، ساپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

8ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ. ◘ 1:8 يـۇھ. 20‏:29. *

9شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر. ◼ 1:9 +bd «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇكى، نىجاتنىڭ ھازىر نەتىجىسى ھەم مېۋىسى بار ھەمدە كەلگۈسىدە (5-ئايەتتە) مەسىھ قايتا كەلگەندە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ (نىجاتنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخت-بەرىكەتلىرى بولسا گۇناھنىڭ ھەرقانداق تەسىرىدىن ئازاد بولۇش، يېڭى تەندە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مۇشۇ يەردە «جېنىڭلارنىڭ نىجاتى» بەلكىم ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ، دېمەك، ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر، ھېسسىياتلىرى ۋە مىجەزىنىڭ گۇناھنىڭ تەسىرىدىن ئازاد بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.*

10سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان ئىلگىرىكى* پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى. ◘ 1:10 يار. 49‏:10؛ دان. 2‏:44؛ ھاگ. 2‏:8؛ زەك. 6‏:12. *

11ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ◼ 1:11 +bd «ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن»+bd* ــ «قانداق يول بىلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كىمنىڭ ۋۇجۇدىدا». بۇ ئايەتتىن شۇ روشەنكى، مەسىھ تېخى دۇنياغا كەلمىگىنى بىلەن، تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىشى ئۇنىڭ روھى ئارقىلىق بولغان؛ مەسىھنىڭ روھى ئۇلاردا تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ كىملىكى ياكى تولۇق سالاھىيىتى توغرۇلۇق خەۋىرى مۈجمەل ياكى يوق دېيەرلىك ئىدى.* ◘ 1:11 زەب. 22‏:6؛ يەش. 53‏:3؛ دان. 9‏:24. *

12شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە. ◼ 1:12 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان»+bd* ــ «بۇ ئىشلار» دېگەنلىك پەيغەمبەرلەر ئالدىنئالا ئېيتقان مەسىھنىڭ ئۆلۈمى (ئازاب-ئوقۇبەتلىرى) ئارقىلىق بولغان بارلىق نىجاتلىق ئىشلار، جۈملىدىن «مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن» خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى كۆرسەتسە كېرەك.* ◘ 1:12 روس. 2‏:4؛ ئ‍ەف. 3‏:10. *

13شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك-سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. ◼ 1:13 +bd «ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار»+bd* ــ «پۈتۈنلەي باغلاڭلار» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئاخىرغىچە باغلاڭلار».* ◘ 1:13 لۇقا 12‏:35؛ ئ‍ەف. 6‏:14. *

14خۇدانىڭ* ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار.

15ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. ◘ 1:15 لۇقا 1‏:75. *

16چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا*: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن. ◘ 1:16 لاۋ. 11‏:45،44؛ 19‏:2؛ 20‏:7. *

17سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى ئۇنىڭ* قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار. ◘ 1:17 قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25. *

18چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ قۇللۇقىدىن* ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس، ◼ 1:18 +bd «ھامان قىممىتىنى يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھامان چىرىيدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر».* ◘ 1:18 1كور. 6‏:20؛ 7‏:23. *

19بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. ◘ 1:19 روس. 20‏:28؛ ئىبر. 9‏:12؛ ۋەھ. 1‏:5. *

20ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن* شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ* ئاشكارا قىلىندى. ◼ 1:20 +bd «ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ ئاشكارا قىلىندى»+bd* ــ «زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىت، يەنى «ئىنجىل دەۋرى»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:20 رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 1‏:2. *

21سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ شۇنى قىلغىنى* ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر. ◘ 1:21 روس. 2‏:33؛ فىل. 2‏:9. *

22سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. ◘ 1:22 رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 2‏:17. *

23چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. ◼ 1:23 +bd «چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم «ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار (چىرىپ كېتىدىغان ئەت ئىگىلىرى)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن ــ دېمەك، ھېچكىم ئېتىقادچى بولغان ئاتا-ئانىسىدىن ياكى مەلۇم مىللەتتىن (مەسىلەن، يەھۇدىيلاردىن) تۇغۇلغانلىقى بىلەن يېڭى ھاياتقا ئېرىشمەيدۇ. ھەر ئادەم ئۆزى ئېتىقاد بىلەن «قايتا (يېڭىدىن) تۇغۇلۇشى» كېرەكتۇر.* ◘ 1:23 ياق. 1‏:18؛ 1يۇھ. 3‏:9. *

24چۈنكى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك*:

>