1ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! ◼ 1:1 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇس»+bd* ــ «سىمېئون» باشقا يەرلەردە «سىمون» دېيىلىدۇ. +bd «خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ»+bd* ــ بۇ ئىبارىدىن ئېنىقكى، ئەيسا (تەبىئىتىدە) ھەم خۇدا ھەم خۇتقۇزغۇچىدۇر. +bd «بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام!»+bd* ــ «ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغان» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇكى، ھەقىقىي ئېتىقاد خۇدانىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ.*
2سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي! ◘ 1:2 يـۇھ. 17:3؛ رىم. 1:7؛ 1پېت. 1:2؛ يەھ. 2. *
3بۇ دۇئايىمنىڭ* ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى. ◼ 1:3 +bd «ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بىزنى چاقىرغۇچى»+bd* ــ مۇشۇ زات رەب ئەيسا مەسىھ، ئەلۋەتتە.*
4ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر. ◘ 1:4 يەش. 56:5؛ يـۇھ. 1:12؛ رىم. 8:15؛ گال. 3:26. *
5دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، ◼ 1:5 +bd «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى،... (قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار)»+bd* ــ «بىلىم» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يولى توغرۇلۇق بىلىم، ئەلۋەتتە.*
6بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى،
7ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار.
8چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا ئىنتىلىشتە* ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ. ◘ 1:8 تىت. 3:14. *
9ئەمما ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. ◼ 1:9 +bd «ئۇنتۇغان بولىدۇ»+bd* ــ «ئۇنۇغاقلىق قوبۇل قىلغان بولىدۇ».* ◘ 1:9 يەش. 59:10؛ زەف. 1:17. *
10شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن* چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. ◼ 1:10 +bd «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر»+bd* ــ «تېيىلىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن ئىبارىنى بەزىلەر بۇ ئىبارە نىجاتتىن مەھرۇم بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمىز (مەسىلەن، «ياق.» 2:3نى كۆرۈڭ، ئوخشاش سۆز شۇ ئايەتتە ئىشلىتىلىدۇ).*
11شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. ◼ 1:11 +bd «رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر»+bd* ــ «قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «كىرىش يولۇڭلار كەڭرىچىلىك بىلەن سىزلەرگە تەمىنلىنىدۇ» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
12شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن.
13دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. ◼ 1:13 +bd «مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا...»+bd* ــ «چېدىرىم» ــ پېترۇسنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ھەربىر ئېتىقادچىنىڭ تېنىنى ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان «ئىبادەت چېدىرى»غا ئوخشىتىدۇ. خۇدانىڭ ئۆز شان-شەرىپى بۇ «ئاددىي چېدىر»دا ماكانلاشتۇرۇلغان ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ھەربىر ئېتىقادچىنىڭ تېنىدە مەۋجۇتتۇر («يۇھ.» 14:1، 21:2، «1كور.» 9:3 ۋە 16، 19:6نى كۆرۈڭ).* ◘ 1:13 2پېت. 3:1. *
14چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ◼ 1:14 +bd «چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن»+bd* ــ «يۇھ.» 18:21-19نى كۆرۈڭ.* ◘ 1:14 يـۇھ. 21:19،18؛ 2تىم. 4:6. *
15بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن. ◼ 1:15 +bd «مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ»+bd* ــ «بۇ دۇنيادىن كېتىش»: ــ بۇ ئىبارە گرېك تىلىدا «ئەكسودوس» دېگەن سۆز («مىسىردىن چىقىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («لۇقا» 31:9نى كۆرۈڭ). +bd «بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن»+bd* ــ «بۇ ئىشلار» بولسا: (1) مۇشۇ ئىككىنچى خەتنىڭ مەزمۇنىنى؛ (2) «يۇھ.» 21-بابتا خاتىرىلەنگەن ئىشلارنى (مەسىھنىڭ پېترۇسنىڭ دۇنيادىن كېتىش يولى توغرۇلۇق بېشارەتلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك. بىز بىرىنچى چۈشەنچىگە مايىلمىز.*
16چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. ◼ 1:16 +bd «بىز سىلەرگە ... ئۇقتۇرغىنىمىزدا ... بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز» دېگەن سۆز پېترۇسنىڭ ئۆزىنى ۋە يۇھاننا، ياقۇپ قاتارلىق روسۇللارنى كۆرسىتىدۇ. +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشى (ياكى «قايتىپ كېلىشى»)»+bd* ــ («ھازىر بولۇشى» گرېك تىلىدا «پارۇسىيا») دېگەن سۆزلەر بىرىنچىدىن مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزگىرىپ، شان-شەرىپى ئىچىدە كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («ماتتا» 17-باب، «ماركۇس» 9-باب، «لۇقا» 9-بابنى كۆرۈڭ). ئىككىنچىدىن، بۇ سۆزلەر يەنە ئىنجىلدا ئادەتتە مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ شان-شەرىپى ھەقىقەتەن ئايان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. +bd «...بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز»+bd* ــ «ئۇنىڭ» گرېك تىلىدا «ئاشۇنىڭ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە «ئاشۇنىڭ» دېگەن سۆز پېترۇسنىڭ مەسىھكە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ۋە يېقىن مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 1:16 مات. 17:1؛ يـۇھ. 1:14؛ 1كور. 1:17؛ 2:1، 4؛ 4:20؛ 1يۇھ. 1:1. *
17چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. ◼ 1:17 +bd «چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى»+bd* ــ «ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەر» بولسا ئاسمان، ئەرشتۇر.* ◘ 1:17 مات. 3:17؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ 9:7؛ لۇقا 3:22؛ 9:35؛ كول. 1:13. *
18مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. ◼ 1:18 +bd «مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق»+bd* ــ «ماتتا» 17-باب، «ماركۇس» 9-باب، «لۇقا» 9-بابنى كۆرۈڭ.*
19ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). ◼ 1:19 +bd «ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە بۇنىڭدىن +bd تېخىمۇ+bd* ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام (پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن سۆز-كالام) باردۇر». پېترۇس بۇ يەردە: «پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى ھەتتا مېنىڭ گۇۋاھلىقىمدىنمۇ ئىشەنچلىكتۇر (چۈنكى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەرگەن بېشارەتلىرى ناھايىتى كۆپ؛ بېشارەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاللىقاچان كۆز ئالدىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دېگەندەك)؛ بۇ ئۇلۇغ سۆزلەر ھەممىمىزدە بار» دېمەكچى بولسا كېرەك. +bd «سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر)»+bd* ــ «تاڭ سۈزۈلگۈچە» ــ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە.
20شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. ◼ 1:20 +bd «... مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس»+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس».