پېترۇس «2» 3:1-18 UIGB2010 - Bible AI

1ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى، ◘ 3:1 2پېت. 1‏:13. *

2مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

3ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ: ◘ 3:3 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1؛ يەھ. 18. *

4«قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆلۈمدە* ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. ◘ 3:4 ئ‍ەز. 12‏:22. *

5ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ. ◼ 3:5 +bd «ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ»+bd* ــ «ئەتەي ئۇنتۇيدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز بەڭباشلىقىدىن ئۇنتۇيدۇ».* ◘ 3:5 يار. 1‏:9؛ زەب. 24‏:2. *

6شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى. ◼ 3:6 +bd «شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى»+bd* ــ «...شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە پەقەت سۇنىڭ ئۆزىنى ياكى سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى (گرېك تىلىدا) ئالدىنقى جۈملىدە بۇ ئىككى ئىش ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا 7-ئايەتتە خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋاسىتە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.* ◘ 3:6 يار. 7‏:21،10. *

7ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ. ◼ 3:7 +bd «ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ»+bd* ــ «ئوخشاشلا شۇ سۆز» دېگەن ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ (يەنى، خۇدانىڭ) سۆزى».

8ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. ◼ 3:8 +bd «رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر»+bd* ــ رەب ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:8 زەب. 90‏:4. *

9رەب ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى* (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا*. ◼ 3:9 +bd «رەب ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا»+bd* ــ رەب قايتىپ كەلگەندە يەر يۈزىدىكىلەرگە توۋا قىلىش پۇرسىتى قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:9 ئ‍ەز. 18‏:32؛ 33‏:11؛ يەش. 30‏:18؛ ھاب. 2‏:3؛ رىم. 2‏:4؛ 1تىم. 2‏:4؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 3‏:15. *

10لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا* بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. ◼ 3:10 +bd «لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ»+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» (مەسىھنىڭ كېلىدىغان كۈنى) تەۋراتتىكى كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»دىكى «خۇدانىڭ كۈنى» توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.

11ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ،

12خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ. ◼ 3:12 +bd «خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ»+bd* ــ «خۇدانىڭ كۈنى» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

13لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر. ◼ 3:13 +bd «لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر»+bd* ــ «ئۇ يەر» ھەم يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننىمۇ كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:13 يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ ۋەھ. 21‏:1. *

14شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، شۇ تاپتا* خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار.

15ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛ ◼ 3:15 +bd «رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتى»+bd* ــ ياكى «رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشى». +bd «ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار»+bd* ــ بۇ ئىنتايىن ئىخچام جۈملە بولۇپ، بەلكىم: «خۇدانىڭ سەۋر-تاقىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە گۇناھىدىن قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە، دەپ بىلىڭلار» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. يەنە مۇمكىنچىلىكى باركى، «نىجات» مۇشۇ يەردە «بۇ دۇنيانىڭ ساقلىنىپ قېلىشى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ نېمىلا بولمىسۇن ئايەتنىڭ ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش؛ بىز پەقەت بۇ دۇنيادا بولساقلا، بۈگۈن توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش يولى ئوچۇق تۇرىدۇ، دەپ بىلىشىمىز لازىم. +bd «دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان»+bd* ــ «قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ... سىلەرگە يازغان» ــ پاۋلۇسنىڭ كۆپ خىزمىتى «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغاچقا، پېترۇسنىڭ بۇ خېتىمۇ بەلكىم يەھۇدىي بولمىغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان بولسا كېرەك.* ◘ 3:15 رىم. 2‏:4. *

16بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ◘ 3:16 رىم. 8‏:19؛ 1كور. 15‏:24؛ 1تېس. 4‏:15. *

17شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئېيتقان* بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. ◼ 3:17 +bd «شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئېيتقان بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر...»+bd* ــ «مەن ئېيتقان بۇ ئىشلار» بەلكىم روسۇل پېترۇسنىڭ يۇقىرىدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار»+bd* ــ «بۇ ئەخلاقسىزلار» گرېك تىلى نۇسخىسىدا 7:2دىمۇ ئوخشاش سۆز ئىشلىتىلىدۇ؛ دېمەك، «بۇ ئەخلاقسىزلار» دەل ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.*

18ئەكسىچە، خۇدانىڭ* مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار.

>