پەند-نەسىھەتلەر 1:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ ◘ 1:1 1پاد. 4‏:32؛ ۋەھ. 9:3*

2بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛

3ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ.

4بۇ پەند-نەسىھەتلەر* نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛

5بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، ◼ 1:5 +bd «يورۇتۇلغان كىشى»+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشلارنى، مەسىلىلەرنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان كىشى» دېگەن مەنىدە.*

6شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.

7پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛

8ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛

9چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.

10ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.

11ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛

12تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى،

13ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ،

14بىز بىلەن شېرىك بول،

15ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما،

16چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ،

17ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛

18لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛

19نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛

20بۈيۈك* دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا،

21كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا،

22ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟

23تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى!

24لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛

25نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار،

26شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن،

27ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە،

28ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ،

29ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن،

30مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن،

31ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ،

32چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛

ticle>