پەند-نەسىھەتلەر 10:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. ◘ 10:1 پەند. 15‏:20

2ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. ◘ 10:2 پەند. 11‏:4

3پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.

4ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. ◼ 10:4 \+bd «ھۇرۇنلۇق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». \+bd «ئىشچانلىق»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى». ◘ 10:4 پەند. 12‏:24

5يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.

6بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. ◼ 10:6 \+bd «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».

7ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.

8دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. ◘ 10:8 پەند. 10‏:10

9غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

10كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.

11ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. ◼ 10:11 \+bd «ھاياتلىق بۇلىقى»\+bd* ــ بەلكىم «ئېرەم باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. \+bd «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار»\+bd* ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار». ◘ 10:11 پەند. 10‏:6؛ 13‏:14

12ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. ◘ 10:12 1كور. 13‏:7؛ 1پېت. 4‏:8

13ئەقىل-ئىدراكلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. ◘ 10:13 پەند. 20‏:30

14دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.

15مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.

16ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. ◼ 10:16 \+bd «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر»\+bd* ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».

17نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.

18ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. ◼ 10:18 \+bd «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».

19گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.

20ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. ◼ 10:20 \+bd «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». \+bd «ياماننىڭ ئويلىرى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».

21ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.

22پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. ◼ 10:22 \+bd «ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە جاپا-مۇشەققەت ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قوشماس».

23ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. ◼ 10:23 \+bd «يورۇتۇلغان»\+bd* ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە. ◘ 10:23 پەند. 14‏:9

24يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.

25يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.

26ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. ◼ 10:26 \+bd «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».

27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. ◘ 10:27 پەند. 9‏:11

28ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. ◘ 10:28 ئايۇپ 8‏:13،14؛ 11‏:20؛ زەب. 112‏:10

29پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. ◘ 10:29 پەند. 13‏:6

30ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.

31ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.

32ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.

rticle>