پەند-نەسىھەتلەر 14:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار. ◼ 14:1 \+bd «...ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئۆز ئائىلىسىنى قۇرار».

2دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛ قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى خۇدانى كۆزگە ئىلماس. ◘ 14:2 ئايۇپ 12‏:4

3ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار.

4ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛ بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا ساڭغا ئاشلىق تولار. ◼ 14:4 \+bd «ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار...»\+bd* ــ ئېغىلنىڭ سېسىقلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىلدىكى ئۇلاغلارنى چىقىرىۋېتىش تولىمۇ ئەخمەقانىلىك، ئەلۋەتتە.

5ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. ◘ 14:5 مىس. 23‏:1؛ پەند. 12‏:17

6ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر. ◼ 14:6 \+bd «ھاكاۋۇرلار»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».

7بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.

8ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.

9ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار. ◼ 14:9 \+bd «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بىرسى باشقىلارغا گۇناھ قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، خۇدادىن كەچۈرۈم ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال زىيان تارتقۇچىغا شۇ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ھەسسە تۆلەم بېرىپ، ئاندىن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى («ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى) ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ بېرىشى كېرەك ئىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەخمەقلەر ئىتائەتسىزلىكىگە نىسبەتەن يېنىكلىك بىلەن كۈلۈپ قويىدۇ».

10كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس.

11ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر.

12ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر. ◘ 14:12 پەند. 16‏:25

13ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار، خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار. ◘ 14:13 پەند. 5‏:4

14توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر. ◘ 14:14 پەند. 1‏:31

15ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار.

16دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار. ◼ 14:16 \+bd «ئاۋارىچىلىكتىن»\+bd* ــ ياكى «يامانلىقتىن».

17تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار.

18ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار.

19يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا باش ئۇرار.

20نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر. ◘ 14:20 پەند. 19‏:4، 7

21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.

22يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار. ◘ 14:22 لۇقا 6‏:38

23ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.

24ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.

25ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.

26پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.

27پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار. ◼ 14:27 \+bd «ھاياتنىڭ بۇلىقى»\+bd* ــ 14:13نىمۇ كۆرۈڭ. ◘ 14:27 پەند. 10‏:11؛ 13‏:14

28پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر.

29ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار.

30خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار.

31مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر. ◘ 14:31 پەند. 14‏:21؛ 17‏:5

32يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار. ◼ 14:32 \+bd «يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ... خاتىرجەم بولار»\+bd* ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «كۈلپەت كەلگەندە، يامان ئادەم ھەيدىۋېتىلىدۇ؛ بىراق ھەققانىي ئادەم سەكراتتا ياتقاندىمۇ پاناھلىق بولار».

33يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس. ◘ 14:33 پەند. 10‏:14؛ 12‏:23؛ 13‏:16

34ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار.

35پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر. ◼ 14:35 \+bd «نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نومۇستا قالدۇرغۇچى» ۋە «ئۇياتسىز» دېگەن ئىككى ئىبارە بىرلا ئىككى بىسلىق سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.

rticle>