پەند-نەسىھەتلەر 15:1-33 UIGB2010 - Bible AI

1مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار. ◘ 15:1 پەند. 25‏:15

2ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر. ◘ 15:2 پەند. 12‏:23؛ 13‏:16؛ 15‏:28

3پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار. ◼ 15:3 \+bd «ياخشى-يامانلار...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان-ياخشىلار» دېگەنلىك بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. ◘ 15:3 ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19

4شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار. ◼ 15:4 \+bd «شىپا يەتكۈزگۈچى تىل»\+bd* ــ ياكى «مېھرىبان تىل». \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ 18:3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. ◘ 15:4 پەند. 12‏:18؛ 13‏:14

5ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.

6ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.

7دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس.

8يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. ◘ 15:8 پەند. 21‏:27؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21

9يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر.

10توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ تەنبىھكە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر.

11تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! ◼ 15:11 \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. ◘ 15:11 2تار. 6‏:30؛ زەب. 7‏:9؛ 44‏:20-21؛ يەر. 17‏:9، 10؛ يـۇھ. 2‏:24 ،25؛ 21‏:17؛ روس. 1‏:24

12ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس. ◼ 15:12 \+bd «ھاكاۋۇر»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچى».

13كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار. ◘ 15:13 پەند. 17‏:22؛ 18‏:14

14يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.

15ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.

16زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل. ◘ 15:16 زەب. 37‏:16؛ پەند. 16‏:8

17نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل. ◘ 15:17 پەند. 17‏:1

18تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. ◘ 15:18 پەند. 28‏:25؛ 29‏:22

19ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر.

20دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر. ◘ 15:20 پەند. 10‏:1

21ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار. ◘ 15:21 پەند. 10‏:23؛ 14‏:9

22مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. ◘ 15:22 پەند. 11‏:14

23كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!

24ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. ◼ 15:24 \+bd «تەھتىسارا»\+bd* ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

25پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار. ◘ 15:25 پەند. 2‏:21،22؛ 12‏:7؛ 14‏:11

26يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر. ◼ 15:26 \+bd «ئوي-پىكرى»\+bd* ــ ياكى «پىلانلىرى». ◘ 15:26 پەند. 6‏:18

27ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر. ◘ 15:27 پەند. 1‏:19

28ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.

29پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار. ◘ 15:29 زەب. 10‏:17؛ 34‏:15-19؛ 145‏:18، 19

30خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار. ◘ 15:30 پەند. 25‏:25

31ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار.

32تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھكە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار.

33پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. ◘ 15:33 پەند. 1‏:7؛ 9‏:10؛ 18‏:12

rticle>