1پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر. ◘ 19:1 پەند. 28:6
2يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار. ◼ 19:2 \+bd «بولماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس». \+bd «ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاياغلىرىنى ئالدىراتقۇچى كىشى خاتا قەدەم باسار».
3كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار. ◘ 19:3 ياق. 1:13،14،15
4بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. ◘ 19:4 پەند. 14:20
5يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس. ◼ 19:5 \+bd «يالغان ئېيتقۇچى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى....» ◘ 19:5 قان. 19:19؛ پەند. 21:28
6تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر. ◼ 19:6 \+bd «تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر...»\+bd* ــ ياكى «تولا ئادەم ئەمىردىن ئىلتىپات كۆزلەر...».
7نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس. ◘ 19:7 پەند. 14:20
8پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
9يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار. ◼ 19:9 \+bd «يالغان ئېيتقۇچى...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى...».
10ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. ◘ 19:10 پەند. 30:22
11دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر. ◘ 19:12 پەند. 16:14،15؛ 20:2
13ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. ◘ 19:13 پەند. 10:1؛ 15:20؛ 17:25؛ 21:19؛ 27:15
14ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. ◘ 19:14 پەند. 18:22
15ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار. ◘ 19:15 پەند. 6:9؛ 10:4؛ 20:13
16پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر. ◼ 19:16 \+bd «ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر»\+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭ (دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ) يوللىرىنى كەمسىتكەن كىشى ئۆلەر». ◘ 19:16 پەند. 3:21،22؛ لۇقا 11:28
17كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
18پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما. ◼ 19:18 \+bd «لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....بىراق ئۇنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سالما». ◘ 19:18 پەند. 13:24؛ 23:13؛ ئەف. 6:4
19قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك.
20نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.
21كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار. ◘ 19:21 ئايۇپ 23:13؛ زەب. 33:11؛ 115:3؛ يەش. 46:10
22كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.
23پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار. ◘ 19:23 زەب. 34:9-10
24ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار. ◘ 19:24 پەند. 26:15
25ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار. ◘ 19:25 پەند. 21:11
26ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
27ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يوپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر. ◼ 19:27 \+bd «ئى ئوغۇل، ... ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى ئوغلۇم، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ئۆزۈڭنى تارت!».
28پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار. ◼ 19:28 \+bd «پەسكەش گۇۋاھچى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) گۇۋاھچىسى».
29ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر. ◼ 19:29 \+bd «ھاكاۋۇرلار»\+bd* ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».