پەند-نەسىھەتلەر 20:1-30 UIGB2010 - Bible AI

1شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.

2پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر. ◼ 20:2 \+bd «... ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۆز جېنىغا گۇناھ قىلغان بولىدۇ». ◘ 20:2 پەند. 16‏:14؛ 19‏:12

3ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس. ◘ 20:3 پەند. 17‏:14

4ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. ◼ 20:4 \+bd «ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس»\+bd* ــ پەلەستىندە بىر يىل ئالتە پەسىلگە بۆلىنىدۇ. ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ئاي «قىش پەسلى» ھېسابلىنىدۇ. «قىش» پەسلى يەر ھەيدىلىدىغان پەسىل، چۈنكى بۇ پەسىلدە يامغۇر يېغىپ تۇپراق يۇمشاق بولىدۇ.

5كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ. ◼ 20:5 \+bd «كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى ... يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ»\+bd* ــ بۇ پەند-نەسىھەتكە قارىتا ئالىملاردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل چۈشەنچە بار: (1) ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئوي-نىيەتلەر باردۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى بۇ ئوي-نىيەتلەرنى (ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن) ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. (2) يورۇتۇلغان كىشى دانىشمەن ھەم ئاز سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ ياخشى ئوي-پىكىرلىرىنى، ياخشى نەسىھەتلىرىنى ئالالايدۇ. (3) يورۇتۇلغان كىشى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى بىلەلەيدۇ. (4) بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنى «ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە خۇدادىن كەلگەن دالالەت (يوليورۇق، ھىدايەت) باردۇر؛ ئۇ چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشايدۇ؛ ...» دەپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى: «خۇدادىن كەلگەن شۇ «دالالەت» ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بولغان بولىدۇ، يورۇتۇلغان كىشى بۇ دالالەتنى جاكارلاپ باشقىلارنى يورۇتالايدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى خىل چۈشەنچىنى توغرا دەپ قارايمىز. ◘ 20:5 پەند. 18‏:4

6ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟

7ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار!

8پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ. ◘ 20:8 پەند. 20‏:26

9كىم ئۆزىنى گۇناھتىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟ ◘ 20:9 1پاد. 8‏:46؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 51‏:5-7؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8

10ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. ◘ 20:10 قان. 25‏:13؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:23

11ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار.

12كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى. ◘ 20:12 مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9

13ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار. ◘ 20:13 پەند. 19‏:15

14خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن «ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ ماختىنىدۇ.

15ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر! ◘ 20:15 پەند. 3‏:14،15

16ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. ◘ 20:16 پەند. 11‏:15؛ 27‏:13

17ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار. ◘ 20:17 پەند. 9‏:17

18پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.

19گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما. ◘ 20:19 پەند. 11‏:13

20كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر! ◘ 20:20 مىس. 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 27‏:16؛ مات. 15‏:4

21تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس. ◘ 20:21 پەند. 13‏:11؛ 28‏:20

22يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر. ◘ 20:22 قان. 32‏:35؛ پەند. 17‏:13؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9

23ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس. ◼ 20:23 \+bd «قەتئىي يارىماس»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس». ◘ 20:23 پەند. 20‏:10

24ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟ ◘ 20:24 ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 37‏:23؛ 139‏:1-3؛ يەر. 10‏:23

25بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر.

26دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر.

27ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.

28مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

29ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر. ◘ 20:29 پەند. 16‏:31

30تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار. ◘ 20:30 پەند. 10‏:13

rticle>