1قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
2ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. ◘ 29:2 پەند. 11:10؛ 28:12،28
3دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. ◘ 29:3 پەند. 10:1؛ 15:20؛ 28:7؛ لۇقا 15:13
4پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. ◼ 29:4 \+bd «بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا،...»\+bd* ــ ياكى «بىراق پارىخور بولسا،..».
5ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.
6رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.
7ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. ◘ 29:7 ئايۇپ 29:16
8ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
9دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس.
10قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. ◼ 29:10 \+bd «دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالار».
11ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. ◘ 29:11 پەند. 14:33
12ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.
13گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. ◼ 29:13 \+bd «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر-بىرىگە يولۇقار». ◘ 29:13 پەند. 22:2
14يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. ◘ 29:14 پەند. 20:28؛ 25:5
15تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. ◘ 29:15 پەند. 10:1؛ 13:24؛ 17:21،25؛ 22:15؛ 23:13
16يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. ◘ 29:16 زەب. 37:36؛ 58:10-11؛ 91:8
17ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. ◘ 29:17 پەند. 13:24؛ 22:15؛ 23:13،14
18پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. ◼ 29:18 \+bd «يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن.
19قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.
20ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. ◘ 29:20 پەند. 26:12
21كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. ◼ 29:21 \+bd «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاخىردا ئۇ (قۇل) ئۆزىگە پەرزەنتتەك بولۇپ چىقار».
22تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان غەزەپلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. ◘ 29:22 پەند. 15:18؛ 26:21
23مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. ◘ 29:23 ئايۇپ 22:29؛ پەند. 15:33؛ 18:12؛ يەش. 66:2؛ مات. 23:12؛ لۇقا 14:11؛ 18:14؛ ياق. 4:6،10؛ 1پېت. 5:5
24ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. ◼ 29:24 \+bd «...راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس»\+bd* ــ «لاۋ.» 1:5نى كۆرۈڭ. ◘ 29:24 لاۋ. 5:1
25ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. ◼ 29:25 \+bd «بىخەتەر كۆتۈرۈلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
26كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. ◘ 29:26 پەند. 19:6
27ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.