1ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت. ◼ 3:1 \+bd «چىڭ تۇت»\+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا: «قوغدا، مۇداپىئە قىل» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
2چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ. ◼ 3:2 \+bd «بەرىكەتلىك كۈنلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى». ◘ 3:2 قان. 8:1؛ 30:20
3مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتۈۋال. ◼ 3:3 \+bd «قەلبىڭگە پۈتۈۋال»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىڭدىكى تاختايغا پۈتۈۋال» (مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس قانۇن ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈلگەنىدى). ◘ 3:3 مىس. 13:9؛ قان. 6:8
4شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن. ◼ 3:4 \+bd «ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «ئىلتىپات» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، ئىككىنچى مەنىسى «گۈزەللىك»تۇر.
5ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛
6قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. ◼ 3:6 \+bd «قانداقلا ئىش قىلساڭ،...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق يوللىرىڭدا...». ◘ 3:6 1تار. 28:9
7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. ◘ 3:7 رىم. 12:16
8شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ. ◼ 3:8 \+bd «دەردىڭگە دەرمان... بولىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىندىكىڭگە سالامەتلىك.... بولىدۇ».
9پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛ ◘ 3:9 مىس. 23:19؛ 34:26؛ قان. 26:2-11؛ مال. 3:10؛ لۇقا 14:13
10شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. ◘ 3:10 قان. 28:8
11ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. ◘ 3:11 ئايۇپ 5:17؛ ئىبر. 12:5
12چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ. ◘ 3:12 ۋەھ. 3:19
13دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
14چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر. ◘ 3:14 ئايۇپ 28:15؛ زەب. 19:10؛ پەند. 8:11،19؛ 16:16
15ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. ◘ 3:15 پەند. 8:11
16دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر.
17ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر.
18ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ◼ 3:18 \+bd «ھاياتلىق دەرىخى»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، «ئېرەم باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان «ھاياتلىق دەرىخى»نى كۆرسىتىدۇ (تەۋرات، «يار.» 9:2).
19پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى.
20ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى. ◼ 3:20 \+bd «يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى»\+bd* ــ بەلكىم نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدىكى «چوڭ توپان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يار.» 11:7) ◘ 3:20 يار. 1:9،10
21ئى ئوغلۇم! دانالىق بىلەن بىلىمنى كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ.
23شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن. ◘ 3:23 زەب. 37:23-24؛ 91:9-12
24ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن. ◘ 3:24 لاۋ. 6:19؛ ئايۇپ 11:19؛ زەب. 3:5؛ 4:8؛ 91:5، 6
25بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن! ◼ 3:25 \+bd «رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!»\+bd* ــ ياكى «رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن ۋەيرانچىلىقتىن غەم قىلمىغىن!». ◘ 3:25 ئايۇپ 5:21
26چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ.
27پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن.
28قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن.
29قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ.
30بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. ◼ 3:30 \+bd «سەۋەبسىز ماجىرالاشما»\+bd* ــ ياكى «سەۋەبسىز دەۋالاشما».
31زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما. ◘ 3:31 زەب. 37:1؛ 73:3؛ پەند. 23:17
32چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر. ◘ 3:32 ئايۇپ 29:4؛ زەب. 25:9،12،14
33پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر. ◘ 3:33 لاۋ. 26:14-45؛ قان. 28:15-68؛ مال. 2:2
34بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ◘ 3:34 ياق. 4:6؛ 1پېت. 5:5
35دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ. ◼ 3:35 \+bd «لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «لېكىن ئۇ (خۇدا) ھاماقەتلەرنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا كىنايە ئىشلىتىپ، ئاخىرقى سۆز «كۆتۈرۈلىدۇ» بولىدۇ).