پەند-نەسىھەتلەر 30:1-33 UIGB2010 - Bible AI

1تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ ◼ 30:1 \+bd «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەنگەن سۆزلەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى. \+bd «بۇ ئادەم»\+bd* ــ ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇر. «ئاگۇر» دېگەننىڭ مەنىسى «توپلىغۇچى». سۇلايمان «توپلىغۇچى» دېگەن كىتابپا بىرنەچچە ھېكمەت سۆزلەرنى تولپلىغانغا ئوخشاش، ئاگۇر بۇ بابتا بىرنەچچە ھېكمەت سۆزلەرنى تولپلىغان.

2مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ مەندە ئىنسان ئەقلى يوق.

3دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ بىراق ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولدۇم. ◼ 30:3 \+bd «بىراق ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولدۇم»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدائەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر». بىز بۇ تەرجىمىنى قوبۇل قىلمايميز، چۈنكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئېنىقكى، يازغۇچى هەقىقەتەن خۇدانى تونۇيدۇ. بىزنىڭچە ئۇنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنى، ئىگە بولغان ساۋاتى يالغۇز خۇدانىڭ ۋەھىيسى بىلەنلا كەلگەندۇر.

4كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟ ◘ 30:4 ئايۇپ 38‏:4؛ زەب. 104‏:3؛ يەش. 40‏:12

5تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ◘ 30:5 زەب. 12‏:6-7؛ 18‏:30-31؛ 19‏:7-8؛ 119‏:140؛ 2تىم. 2‏:16

6ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ. ◘ 30:6 قان. 4‏:2؛ 12‏:32؛ ۋەھ. 22‏:18

7ئى خۇدايىم، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ

8ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن.

9چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن.

10خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن.

11ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار،

12ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار،

13بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ! ◼ 30:13 \+bd «ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قاپاقلىرى نېمانچە كۆتۈرۈلگەن!». ◘ 30:13 پەند. 6‏:17

14ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار! ◘ 30:14 پەند. 12‏:18

15زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ ◼ 30:15 \+bd «زۈلۈك»\+bd* ــ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان قانخور بىر خىل پارازىتتۇر.

16گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. ◼ 30:16 \+bd «گۆر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گۆر» ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا»، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.

17ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر.

18مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ

19بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر.

20زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتۈۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ. ◼ 30:20 \+bd «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!»\+bd* ــ زىناخور خوتۇننىڭ يولىنىڭ ئاجايىبلىقى بولسا ئۆزىنىڭ ئوپئوچۇق گۇناھىنى ھېچ تونۇمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت.

21يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ

22پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت،

23نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك. ◼ 30:23 \+bd «نەپرەتكە پاتقان»\+bd* ــ ياكى «نەپرەتلىك»، «نەپرەتلەنگەن».

24يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ

25چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛ ◘ 30:25 پەند. 6‏:8

26سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛

27چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛

28كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ.

29قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ

30ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر،

31زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر. ◼ 30:31 \+bd «زىلۋا بەيگە ئىتى»\+bd* ــ ياكى «بەيگە ئېتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز بەك ئاز ئۇچرايدۇ. \+bd «پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر»\+bd* ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «ئاغدۇرۇلماس ۋە ئۆرۈلمەس پادىشاھدۇر» ياكى «ئۆز قوشۇنىنى باشلىغان پادىشاھدۇر». ◘ 30:31 ئايۇپ 39‏:19-28

32ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم! ◼ 30:32 \+bd «قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!»\+bd* ــ بەلكىم ئىبرانىي تىلىدا «بولدى، بەس!» دېگەن مەنىنى بېرىش مۇمكىن. ◘ 30:32 ئايۇپ 21‏:5

33كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار. ◼ 30:33 \+bd «كالا سۈتى قوچۇلسا ... بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا.... ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا ...»\+bd* ــ بۇ جۈملىدىكى «قوچۇلسا» «مىجىلسا» ۋە «قوزغاپ ... ئويلىسا» ئىبرانىي تىلىدا ئوخشاش بىر پېئىل بىلەن ئىپادىلەنگەن.

rticle>