1ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار،
2چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر،
3چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم،
4ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى:
5دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ،
6دانالىقتىن* ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛
7دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛
8دانالىقنى* ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ،
9بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ*،
10ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن،
11مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي،
12ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ،
13ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت،
14يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە،
15ئۇلارنىڭ يولىدىن* ئۆزۈڭنى قاچۇر،
16چۈنكى يامانلار* بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس،
17يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر،
18لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر،
19يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ،
20ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا،
21ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن،
22چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر،
23قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت،
24ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت،
25كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن،
26ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن،