1ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، ئىدراكلىق سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
2شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ.
3چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛ ◘ 5:3 پەند. 2:16؛ 6:24
4لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر.
5ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. ◼ 5:5 \+bd «گۆر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا» دېيىلىدۇ، ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر. ◘ 5:5 پەند. 7:27
6ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
7شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
8ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما!
9بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، ياشلىق يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن! ◘ 5:9 پەند. 6:34،35
10يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن. ◼ 5:14 \+bd «ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!»\+bd* ــ ياكى «پۈتۈنلەي زاۋاللىققا چۈشكەندەكمەن!».
15ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. ◼ 5:15 \+bd «ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇ...، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ.
16بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟
17بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! ◼ 5:17 \+bd «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ... بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!»\+bd* ــ 16-17-ئايەتلەر شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە. بىزنىڭچە كۆچمە مەنىسى: «ئىشقى مۇھەببەتلىرىڭنى يات ئايالغا بەرمە، پەقەت ئۆز جوراڭغىلا بېغىشلا؛ بولمىسا ئىنتايىن نومۇس ئىش بولىدۇ، رەستە-كوچىلاردا رەسۋا بولىسەن» دېگەندەك بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار مۇشۇ ئايەتتىكى «سۇلار» بالىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ، مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسۇن، ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسۇن (دېمەك، «پەرزەنتلىرىڭ ئۇرغۇغان بۇلاقلاردەك ھەر يەرگە تارقالسۇن!»)؛ پەقەتلا ساڭىلا خاس بولسۇن، يات ئايالدىن بولغان بولمىسۇن!».
18بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. ◼ 5:18 \+bd «بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!»\+bd* ــ «بۇلىقىڭ» مۇشۇ ئايەتتە «ئۆز ئايالىڭ»نى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.
19ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. ◼ 5:19 \+bd «ئۇنىڭ باغرىدىن...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئەمچەكلىرىدىن...».
20ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يوچۇن خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟
21چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ. ◘ 5:21 2تار. 16:9؛ ئايۇپ 31:4؛ 34:21؛ پەند. 15:3؛ يەر. 16:17؛ 32:19
22يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.
23ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ.