1ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل،
2تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛
3ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي،
4دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن،
5شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ،
6بىر قېتىم* ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا،
7بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم،
8ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق خوتۇن تۇرۇشلۇق* دوقمۇشتىن ئۆتۈپ،
9كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە،
10مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛
11ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن،
12بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا،
13ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ،
14«ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار،
15شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم،
16كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم.
17ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم. ◘ 7:17 كۈي. 4:14. *
18كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى،
19ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى.
20ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى،
21ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى،
22-23 سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك،
24ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار،
25قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار،
26بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان،