چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1:1-53 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى: — ◼ 1:1 +bd «ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ...»+bd* — «ۋە» دېگەن بۇ سۆز «چۆل-باياۋندىكى سەپەر» دېگەن كىتابنىڭ «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» ۋە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابلار بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مىسىردىن چىقىش» 40-باب، 1- ۋە 38-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب بۇ ئىككى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. +bd «جامائەت چېدىرى»+bd* — ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدە «جامائەت» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.*

2سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن. ◘ 1:2 مىس. 30‏:12*

3ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار.

4ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ.

5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛

6شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛

7يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛

8ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛

9زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛

10يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛

11بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛

12دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئېزەر؛

13ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛

14گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛

15نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا».

16بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى. ◼ 1:16 +bd «جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان»+bd* ــ دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جامائەت تەرىپىدىن سايلانغان».*

17شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ،

18ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى.

19پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇسا سىناي چۆلىدە ئۇلارنى شۇنداق ساناقتىن ئۆتكۈزدى.

20ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

21رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. ◼ 1:21 +bd «مىڭ»+bd* ــ بەزى ئالىملار ئىبرانىي تىلىدىكى «مىڭ» دېگەن سۆزنى «جەمەت» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنداق تەرجىمە مەزكۇر كىتابنىڭ كۆپ يەرلىرىگە زىت كېلىشى مۇمكىن.*

22شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

23شىمېئون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى بولدى.

24گادنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

25گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى بولدى.

26يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

27يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى بولدى.

28ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

29ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.

30زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

31زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.

32يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: — ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

33ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.

34يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى* ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

35ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولدى.

36بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

37بىنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.

38داننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

39دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.

40ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

41ئاشىر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.

42نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛

43نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.

44يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن.

45شۇنداق قىلىپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛

46ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى. ◘ 1:46 مىس. 38‏:26*

47بىراق لاۋىيلار ئاتا جەمەت-قەبىلىسى بويىچە ساناقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى.

48چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —

49«سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن. ◼ 1:49 +bd «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن»+bd* ــ كېيىن مۇسا ئۇلارنى ئايرىم ساناقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى (32:26).*

50لېكىن سەن لاۋىيلارنى خۇدانىڭ* ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى ھەم ئۇنىڭغا دائىر بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن؛ ئۇلار ئىبادەت* چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرىدۇ؛ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار شۇلار بولسۇن، ئۇلار چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ◼ 1:50 +bd «خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر»+bd* ــ «ئىبادەت چېدىرى»نىڭ باشقا بىر نامى. «گۇۋاھلىق» ياكى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.*

51چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ لاۋىيلارغا* يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.

52ئىسرائ‍ىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن. ◼ 1:52 +bd «تۇغ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز تۇغىنى كۆرسىتىدۇ (2:2نى كۆرۈڭ).*

53بىراق خۇدانىڭ* غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» — دېگەنىدى.

ooter>