1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
2مەن ئىسرائىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى.
3مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىرى ئىدى.
4تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا،
5شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات،
6يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب،
7ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال،
8ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،
9بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،
10زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل،
11يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى،
12دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل،
13ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر،
14نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى،
15گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل.
16مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى. ◼ 13:16 +bd «ھوشىيا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ قۇتقۇزىدۇ»، «يەھوشۇيا» ــ «پەرۋەردىگار (ياھۋەھ) قۇتقۇزىدۇ» دېگەن مەنىدە. قىسقارتىلغان شەكلى «يەشۇئا». «ئەيسا» ئىبرانىي تىلىدا دەل شۇ ئىسىمدۇر.*
17مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار. ◼ 13:17 +bd «نەگەۋ چۆلى»+bd* — «نەگەۋ» دېگەن چۆل پەلەستىننىڭ جەنۇبى تەرىپىدە بولۇپ، مۇشۇ يەردە ۋە كۆپ باشقا يەرلەردە «جەنۇب»نى بىلدۈرىدۇ.*
18ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛
19ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛
20ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى.
21ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى.
22ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى. ◼ 13:22 +bd «جەنۇب»+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «نەگەۋ».*
23ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ◼ 13:23 +bd «ئەشكول»+bd* — مەنىسى «ئۈزۈملەر».*
24ئىسرائىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى*»› دەپ ئاتالدى.
25ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى.
26ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
27ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: —
28بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.
29ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى.
30كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: —
31لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا:
32ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: