1بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى ئىككى* قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى.
2بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
4يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى،
5ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل،
6گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك،
7سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ،
8تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان،
9ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك،
10بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە!
11ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى.
12بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە:
13«بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ ◘ 24:13 چۆل. 22:18*
14ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.
15ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
16تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى،
17مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛
18ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ،
19ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ،
20ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: —
21ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: —
22لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛
23بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: —
24كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ،