1ئىسرائىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى. ◘ 25:1 چۆل. 31:16؛ 33:49*
2ئۇ قىزلار ئىسرائىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ ئىسرائىللارمۇ* قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى. ◘ 25:2 زەب. 106:28؛ ھوش. 9:10*
3ئىسرائىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى. ◼ 25:3 +bd «بائال»+bd* ــ بۇتنىڭ ئىسمى؛ «بائال-پېئور» دېگەن سۆز پېئور دېگەن جاينى «ئالاھىدە باشقۇرغان بائال»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 25:3 زەب. 106:29*
4پەرۋەردىگار مۇساغا: —
5شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى.
6ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى.
7كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ، ◘ 25:7 زەب. 106:30*
8ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى.
9شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى. ◘ 25:9 1كور. 10:8*
10ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
11— «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم. ◘ 25:11 2كور. 11:2*
12شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن! ◘ 25:12 زەب.106:31*
13بۇ ئەھدە* ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن».
14ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى.
15ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا: —
17سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛ ◘ 25:17 چۆل. 31:2*