1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
2سەن مىدىيانلاردىن ئىسرائىللارنىڭ ئىنتىقامىنى ئال، ئاندىن ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن، — دېدى. ◘ 31:2 چۆل. 25:17؛ 27:13 *
3مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: — ئاراڭلاردىن جەڭگە چىقىشقا بىر تۈركۈم ئادەملەرنى قوراللاندۇرۇڭلار؛ ئاندىن ئۇلار مىدىيانلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلانسۇن.
4سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەڭ قىلىشقا مىڭدىن ئادەم ماڭدۇرۇڭلار.
5شۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن مىڭدىن، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئادەم جەڭ قىلىشقا قوراللاندۇرۇلدى.
6مۇسا ھەر قەبىلىدىن مىڭدىن ئادەمنى جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ھەمدە ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدۇردى، فىنىھاسنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە ئاگاھ كاناي بار ئىدى. ◼ 31:6 +bd «مۇقەددەس ئەسۋابلار»+bd* ــ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» بولۇشى مۇمكىن. «ئاگاھ كاناي» بەلكىم 2:10دە تىلغا ئېلىنغان ئىككى كاناي ئىدى.*
7ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ◼ 31:7 +bd «مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى»+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ مىدىيانلار توغرۇلۇق بۇ بۇيرۇقى 16:25-18دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. «ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى» ــ جەڭگە قاتناشقان ئەركەكلەر، ئەلۋەتتە.*
8مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، يەنە مىدىياننىڭ ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا دېگەن بەش پادىشاھىنى ئۆلتۈردى؛ يەنە بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى. ◘ 31:8 يە. 13:21، 22*
9ئىسرائىللار مىدىيانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتۈن چارۋا ماللىرى، قوي پادىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلدى؛
10ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى بارلىق شەھەر ۋە بارلىق بارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى؛
11ئۇلار ئادەم بولسۇن مال بولسۇن بارلىق غەنىيمەت، بارلىق ئولجىنى ئېلىپ كەتتى؛ ◘ 31:11 قان. 20:14*
12ئۇلار تۇتقان ئەسىرلەرنى ھەم ئولجا-غەنىيمەتنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە، ئىئوردان دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى بارگاھقا ئەكىلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازارغا، شۇنداقلا ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىگە تاپشۇردى.
13مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى.
14لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتقان ھەربىي سەردارلارغا، يەنى مىڭبېشى، يۈزبېشىلارغا خاپا بولۇپ: —
15سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟
16قاراڭلار، دەل شۇلار بالائامنىڭ ھىيلە-مەسلىھەتى بىلەن پېئوردىكى ئىشتا ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ◼ 31:16 +bd « +bdit مىدىيانلىق ئاياللار+bdit* ...ئىسرائىللارنى... گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ بۇ ۋابا توغرۇلۇق 1:25-3نى كۆرۈڭ.* ◘ 31:16 چۆل. 25:1، 2، 18؛ 2پېت. 2:15؛ ۋەھ. 2:14 *
17ئەمدى سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. ◘ 31:17 ھاك. 21:11*
18بىراق ياش قىزلار، يەنى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۆزلىرىڭلارغا تىرىك قالدۇرۇڭلار. ◼ 31:18 +bd «ياش قىزلار»+bd* ــ ياكى «قىز بالىلار».*
19سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن؛ سىلەر ۋە سىلەر ئەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلسۇن. ◼ 31:19 +bd «سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار... ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن»+bd* ــ ياكى «ھەركىم ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن بولسا، سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن».*
20بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى.
21كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە:
22ئالتۇن، كۈمۈش، مىس. تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق
23ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پاك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، يەنىلا «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» بىلەن پاكىزلاڭلار؛ ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنى شۇ سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار. ◘ 31:23 چۆل. 19:9*
24يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، ئاندىن سىلەر پاك ھېسابلىنىسىلەر؛ ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرسەڭلار بولىدۇ، — دېدى.
25پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
26سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛
27ئولجا-غەنىيمەتنى ئىككىگە بۆل، يېرىمىنى جەڭگە چىققانلارغا بەر، قالغان يېرىمىنى بارلىق جامائەتكە بەر. ◘ 31:27 1سام. 30:24*
28سەن يەنە چىقىپ جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەر ئالىدىغان ئادەم، كالا، ئېشەك ياكى قوي پادىلىرىدىن بەش يۈزدىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۈلۈش بولسۇن دەپ ئايرىغىن؛
29سىلەر شۇنى لەشكەرلەرگە تەۋە بولغان يېرىمىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇڭلار.
30ئىسرائىللارغا تەۋە بولغان يېرىمىنىڭ ئادەم، كالا، ئېشەك، قوي پادىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ھايۋانلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
31شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
32ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ،
33كالا يەتمىش ئىككى مىڭ،
34ئېشەك ئاتمىش بىر مىڭ،
35ئەركەكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن قىزلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ چىقتى.
36جەڭگە چىققانلارنىڭ ئۈلۈشى، يەنى ئۇلارغا تەۋە يېرىمى، قوي جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز؛
37بۇ قوي پادىلىرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئالتە يۈز يەتمىش بەش بولدى؛
38كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى يەتمىش ئىككى بولدى.
39ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئاتمىش بىر بولدى.
40ئادەم ئون ئالتە مىڭ چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئوتتۇز ئىككى ئادەم بولدى.
41مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئۈلۈشنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى. ◘ 31:41 چۆل. 18:19،8*
42ئىسرائىللارغا تەۋە بولغان يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگىنى —
43جامائەتكە تەۋە بولغان شۇ يېرىمى — قوي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز،
44كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ،
45ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز،
46ئادەم ئون ئالتە مىڭ ئىدى.
47مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللارغا تەۋە بولغان شۇ يېرىمىنىڭ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا تاپشۇردى.
48پۈتكۈل قوشۇننىڭ سەردارلىرى، مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرى مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ،
49مۇساغا: — خىزمەتكارلىرىنىڭ قول ئاستىدا جەڭ قىلغان لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ساناقتىن ئۆتكۈزسەك بىرىمۇ كەم چىقمىدى.
50شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى.
51شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئۇلار ئەكەلگەن ئالتۇنلارنى، يەنى ئالتۇندا ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملارنى ئالدى.
52ئۇلارنىڭ مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىدىن ئالغىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇلدى؛ بارلىق ئالتۇن جەمئىي ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شەكەل چىقتى
53‹لەشكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقانىدى›. ◘ 31:53 قان. 20:14*