1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: —
3سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛ ◼ 34:3 +bd «شور دېڭىزى»+bd* ــ يەنە «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.* ◘ 34:3 يە. 15:1*
4شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛ ◼ 34:4 +bd «سېرىق ئېشەك داۋىنى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاكراببىم داۋىنى».*
5ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
6كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ. ◼ 34:6 +bd «ئۇلۇغ دېڭىز»+bd* ــ ھازىر «ئوتتۇرا دېڭىز» دەپ ئاتىلىدۇ.*
7شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛
8پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادقا تۇتاشسۇن؛ ◼ 34:8 +bd «خامات ئېغىزى»+bd* ــ ياكى «لىبو-خاماتقا».*
9چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.
10ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن.
11بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ. ◼ 34:11 +bd «كىننەرەت دېڭىزى»+bd* ــ ياكى «كىننەرەت كۆلى» كېيىن «گالىلىيە دېڭىزى»، «تىبېرىئۇس دېڭىزى» دەپمۇ ئاتالغان. «كىننەرەت»نىڭ مەنىسى «چىلتار» ــ كۆلنىڭ شەكلى چىلتارسىماندۇر.*
12ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ».
13مۇسا ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛
14چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛
15بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا».
16پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
17تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. ◘ 34:17 يە. 14:1*
18سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار.
19بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب. ◼ 34:19 +bd «يەھۇدا يەھۇدا قەبىلىسىدىن»+bd* ــ ياكى «يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن».*
20شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل. ◼ 34:20 +bd «شەمۇئەل»+bd* ــ ياكى «سامۇئىل».*
21بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد.
22دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى.
23يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل
24ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل.
25زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛
26ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛
27ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛
28نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى.