چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 6:1-26 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —

2سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا، ◼ 6:2 +bd «نازارىي»+bd* ــ «نازارىي» دېگەن سۆز «(خۇداغا) ئاتىغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.*

3ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن.

4ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بارلىق كۈنلەردە، ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى، مەيلى ئۈزۈم ئۇرۇقى بولسۇن، پوستى بولسۇن، ئۇلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. ◼ 6:4 +bd «نازارىي بولىمەن»+bd* ــ «نازارىي بولىمەن» دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر ئۆزىنى مەلۇم بىر مۆھلەتتە ياكى ئۆمۈرۋايەت خۇداغا ئاتايدۇ (مەسىلەن، «ھاك.» 5:13، «لۇقا» 15:1نى كۆرۈڭ).*

5ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم دەپ قەسەم قىلغان كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلەر ئۆتۈپ بولمىغۇچە، ئۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك. ◼ 6:5 +bd «چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك»+bd* ــ بۇ ئىشتا (ئا) ماتەم بىلدۈرۈشتە چاچلىرىنى چۈشۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛ (ئە) ئۆزىگە بىرخىل نومۇسلۇق كەلتۈرىدۇ (چۈنكى ئۇ ئايالدەك كۆرۈنىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قەسەم ئىچىپ خۇداغا ئاتىغانلىقىنى ھەممە ئادەمگە ئايان بولىدۇ.* ◘ 6:5 ھاك. 13‏:5؛ 1سام. 1‏:11*

6ئۇ قەسەم ئىچكەن بارلىق كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆلۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. ◼ 6:6 +bd «ئۆلۈكلەر»+bd* ــ بۇ سۆز ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*

7ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. ◼ 6:7 +bd «ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، كىم بىر جەسەتكە تەگكەن بولسا ۋاقىتلىق «ناپاك» دەپ ھېسابلىنىدۇ (ئۇنىڭ مۇقەددەس جايغا يېقىنلىشىشىغا ياكى قۇربانلىق قىلىشىغا بولمايتتى. «لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» 2:5-3، 11-بابنى كۆرۈڭ). +bd «بېشىدا... بەلگىسى بولىدۇ»+bd* ــ ئۇزۇن چاچلىرى، دېمەك.*

8ئۆزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن بارلىق كۈنلەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن.

9مۇبادا بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان بېشى بۇلغانغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنى ۋە كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىمۇ چېچىنى ئالدۇرسۇن.

10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەكنى ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاھىنغا تاپشۇرسۇن.

11كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالغان گۇناھىنى تىلەپ كەفارەت قىلسۇن؛ نازارىي شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز بېشىنى قايتىدىن مۇقەددەس-پاك قىلسۇن،

12ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى يېڭىۋاشتىن باشلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن؛ ئىلگىرىكى كۈنلىرى بولسا ئىناۋەتسىز ھېسابلانسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا* ئاتىغان ھالىتى بۇلغانغان.

13نازارىيلاردىن بىرى ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا* ئاتىغان كۈنلەر توشقان كۈنىدە ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق: ــ كىشىلەر ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكەلسۇن؛

14ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق چىشى بېجىرىم بىر قوزىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوشقارنى كەلتۈرسۇن،

15شۇنداقلا بىر سېۋەت پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ھەمدە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە شۇ قۇربانلىقلارنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن. ◼ 6:15 +bd «توقاچلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.*

16كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ، نازارىينىڭ شۇ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن؛

17ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوشقارنى سۇنسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سېۋەت پېتىر ناننى سۇنسۇن؛ كاھىن شۇلار بىلەن تەڭ نازارىي قوشۇپ تەقدىم قىلغان ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن شاراب ھەدىيەسىنى كەلتۈرۈپ سۇنسۇن.

18نازارىي جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقىغا بەلگە قىلىپ قويۇۋەتكەن چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنى ئېلىپ ئىناقلىق قۇربانلىقى ئاستىدىكى ئوتقا قويسۇن. ◘ 6:18 روس. 21‏:24*

19نازارىي شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا ئاتىغانلىق چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كاھىن قايناپ پىشىرىلغان قوشقارنىڭ بىر ئالدى قولىنى ھەم سېۋەتتىن بىر پېتىر نان بىلەن بىر پېتىر ھەمەك ناننى ئېلىپ كېلىپ نازارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن.

20كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆرۈسۇن؛ بۇلار پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئالدى قول بىلەن قوشۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا بېرىلسۇن؛ ئاندىن كېيىن نازارىي شاراب ئىچسە بولىدۇ. ◘ 6:20 مىس. 29‏:27*

21شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن.

22پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —

23سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: —

24«پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي؛

25پەرۋەردىگار يۈزىنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يورۇتۇپ، سىلەرگە شاپائەت قىلغاي؛

26پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ،

ooter>