1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
2سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى. ◘ 8:2 مىس. 25:37*
3ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى.
4چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى. ◘ 8:4 مىس. 25:31*
5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
6«سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن.
7ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كەفارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن. ◼ 8:7 +bd «كەفارەت سۈيى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گۇناھ سۈيى» ياكى «گۇناھتىن پاكلاش سۈيى». بۇ سۇ 19-بابتا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ.*
8ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر.
9سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛
10لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن.
11ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن. ◼ 8:11 +bd «ھەدىيە قىلسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىرغاڭلاتسۇن».*
12لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن. ◼ 8:12 +bd «سەن ... پەرۋەردىگارغا سۇنغىن»+bd* ــ تەۋرات بويىچە، بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى كاھىننىڭ ئورنىدا بىردىنبىر قۇربانلىق قىلغان ۋاقتى ئىدى.*
13سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل.
14لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىق. ◘ 8:14 چۆل. 3:45*
15ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل.
16چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر.
17چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم. ◘ 8:17 مىس. 13:2؛ 22:29؛ 34:19؛ لاۋ. 27:26؛ چۆل. 3:13؛ لۇقا 2:23*
18مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر. ◘ 8:18 چۆل. 3:12*
19ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى تىلەپ* كەفارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم».
20مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
21لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى گۇناھتىن* پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا گۇناھىنى تىلەپ* كەفارەت قىلدى.
22ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
24«لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛ ◼ 8:24 +bd «سەپكە كىرسۇن»+bd* — ئىبرانىي تىلىدا «جەڭ ئۈچۈن قوشۇنغا كىرسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 23:4نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.*
25ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛