گالاتىيالىقلارغا 5:1-25 UIGB2010 - Bible AI

1‏-2 مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. ◼ 5:1‏-2 +bd «... ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ»+bd* ــ گالاتىيالىقلارنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسىتى «مۇشۇ ئارقىلىق ھەققانىيلىققا ئېرىشىمەن» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇلار مەسىھنىڭ گۇناھلار ئۈچۈن بولغان قۇربانلىقىغا تايانمايلا، پەقەت يەنە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ساۋابلىق ئىشلار»نى بەرپا قىلماقچى بولۇپ «ئۆز-ئۆزۈمگە تايىنىپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇپ ھەققانىي ئادەم بولىمەن» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.* ◘ 5:1‏-2 يەش. 9‏:3؛ يـۇھ. 8‏:32؛ روس. 15‏:1؛ رىم. 6‏:18؛ 1پېت. 2‏:16. *

3مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش* مەجبۇرىيىتى باردۇر. ◼ 5:3 +bd «مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە (تولۇق ئەمەل قىلىش) مەجبۇرىيىتى باردۇر»+bd* ــ مۇشۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

4ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھتىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، خۇدانىڭ* شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار.

5چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز. ◼ 5:5 +bd «چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز»+bd* ــ «روھ» مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. «ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى» ــ گرېك تىلىدا «ھەققانىيلىقنىڭ ئۈمىدى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى: (1) كىمدە مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىيلىق بار بولسا ئۇنىڭ ئەرشتىكى بەختكە باغلىغان زور ئۈمىدىمۇ بار بولىدۇ؛ (2) بىزدە مەسىھ ئارقىلىق ھازىر بار بولغان ھەققانىيلىق ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن تولۇق، مۇكەممەل بولىدۇ، دەيدىغان ئۈمىدمۇ باردۇر. بىزنىڭچە، بۇ ھەر ئىككى ئۈمىد كۆرسىتىلىدۇ.*

6چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر. ◼ 5:6 +bd «چۈنكى مەسىھ ئەيسادا، خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر»+bd* ــ «مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقاد»: ــ ئېتىقاد مۇھەببەت ئارقىلىق گۈزەل ئىشلارنى قىلىدۇ ھەم مۇھەببەتنىڭ ئۆزى ئېتىقادقا گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ ئىلھاملاندۇرىدۇ.* ◘ 5:6 مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ 1كور. 7‏:19؛ 2كور. 5‏:17؛ گال. 6‏:15؛ كول. 3‏:11؛ 1تېس. 1‏:3. *

7سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟ ◼ 5:7 +bd «سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار»+bd* ــ ئېتىقاد يولىدا، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:7 گال. 3‏:1. *

8بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس! ◼ 5:8 +bd «بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس!»+bd* ــ «قايىل قىلىش»نىڭ مەنىسى يۇقىرىقى «ئىتائەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە يېقىن بولۇپ، كىنايىلىك مەنىنى تەكىتلەيدۇ ــ دېمەك، مۇشۇنداق «ئىتائەت» بولامدۇ؟*

9«كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!» ◼ 5:9 +bd «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!»+bd* ــ دېمەك، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ «ئازراق خاتا» تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا «خەتنە قىلىش» «كىچىككىنە بىر ئىش» بولسىمۇ، گالاتىيالىقلارنىڭ ئۇنى «مۇشۇ ئىش بىلەن ھەققانىي (ياكى «تېخىمۇ ھەققانىي») ئادەم بولىمەن» دەپ قوبۇل قىلىشى ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ نىجاتىدىن چىقىرىپ ئايرىۋېتەتتى.* ◘ 5:9 1كور. 5‏:6. *

10ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. ◼ 5:10 +bd «ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ»+bd* ــ خۇدا تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:10 2كور. 2‏:3؛ 8‏:22. *

11قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىن* زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! ◼ 5:11 +bd «قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟»+bd* ــ گالاتىيادىكى جامائەتنى «قايمۇقتۇرۇۋاتقان»لار بولسا بەلكىم: «پاۋلۇس، سۈننەت قىلىنىش كېرەك دەيدۇ»، دەپ يالغانچىلىق قىلغان بولسا كېرەك. پاۋلۇسنىڭ بۇ سوئالى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان سۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ ــ مانا، مەن شۇنداق خەۋەرنى يەتكۈزگەن بولسام، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتمەيتتىم، دەيدۇ. +bd «ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى!»+bd* ــ «كرېست بىزارلىقى» توغرۇلۇق: ــ «كرېست» ئۆزى رىم ئىمپېرىيەسىدىكى ئەڭ يىرگىنچلىك ئۆلۈم جازا تەدبىرى ئىدى! لېكىن خۇدا ئەيسانىڭ دەل شۇنداق ئۆلۈمى ئارقىلىق ئادەمنى قۇتقۇزماقچى! مانا «كرېست بىزارلىقى»دۇر! ئۇنىڭ ئۈستىگە، «خەتنە قىلىنىش ياكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشلار ئادەمنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزمايدۇ، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېگەن خەۋەر كۆپ ئادەملەرنى (پەقەت يەھۇدىيلارنىلا ئەمەس!) رەنجىتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مانا بۇمۇ «كرېست بىزارلىقى»دۇر. خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە «كرېست بىزارلىقى» ھەردائىم بولىدۇ؛ ئۇنداق ئىش كەم بولسا يەتكۈزگەن «خۇش خەۋەر» ئەمدى «خۇش خەۋەر» بولمايدۇ!* ◘ 5:11 1كور. 1‏:23. *

12سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن! ◘ 5:12 يە. 7‏:25. *

13چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. ◼ 5:13 +bd «لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار»+bd* ــ «ئەت» ياكى «ئەتلەر» ئاساسەن ئىنساننىڭ ئۆز شەخسىيەتچى تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 5:13 1كور. 8‏:9؛ 1پېت. 2‏:16؛ يەھ. 4. *

14چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. ◼ 5:14 +bd «... پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ»+bd* ــ «ئەمەل قىلىنىدۇ» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «يىغىنچاقلانغاندۇر» («لاۋ.» 18:19).* ◘ 5:14 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:8؛ ياق. 2‏:8. *

15لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە! ◘ 5:15 2كور. 12‏:20. *

16ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ مۇقەددەس* روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. ◼ 5:16 +bd «مۇقەددەس روھتا مېڭىڭلار»+bd* ــ دېمەك، «مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەم ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە مېڭىڭلار». بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 5:16 رىم. 13‏:14؛ 1پېت. 2‏:11. *

17چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. ◘ 5:17 رىم. 7‏:15-26. *

18ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

19ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، ◘ 5:19 1كور. 3‏:3؛ ياق. 3‏:14. *

20بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار،

21ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. ◘ 5:21 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ كول. 3‏:6؛ ۋەھ. 22‏:15. *

22ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، ◼ 5:22 +bd «روھنىڭ مېۋىسى بولسا...»+bd* ــ «روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى.

23مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. ◼ 5:23 +bd «... مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت»+bd* ــ ئىنجىلدا «مۆمىن-مۇلايىملىق» ياكى «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:23 1تىم. 1‏:9. *

24لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. ◼ 5:24 +bd «لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ»+bd* ــ «ئۇنىڭدىكى (ئەتلەرنىڭ) ئىشقلار...» ياكى «ئۇنىڭدىكى ھېسسىياتلار...».* ◘ 5:24 رىم. 6‏:6؛ 13‏:14؛ گال. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:11. *

25روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى.

rticle>