ھاگاي 1:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ ◼ 1:1 +bd «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ «دارىئۇس پادىشاھ»، يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىللار). بۇ كۈن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، 29-ئاۋغۇست ئىدى. «ئالتىنچى ئاي» ــ مۇقەددەس كىتابتا يىل، ئايلار تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ («تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ). +bd «ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت بولاتتى، يېرۇسالېمدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەلكىم ئاز بولمىسا كېرەك. +bd «باش كاھىن يەشۇئا»+bd* ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.*

2ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

3ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

4بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟ ◼ 1:4 +bd «تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلار»+bd* ــ «تاختايدىن بېزەلگەن» دېگەن بۇ سۆز تەۋراتتا پەقەت سۇلايمان قۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بېزىلىشى ۋە «يەھوئاھاز پادىشاھ»نىڭ ئوردىسىنىڭ بېزىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، خەلقلەر بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 15 يىل ئىلگىرى تەييارلىغان ياغاچنى ھازىر ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى بار ئىدى: (1) خۇدانىڭ ئۆيىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش؛ (2) خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچنى ئۆز ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش.*

5مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

6تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛

7ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

8تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

9ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ

10شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛ ◼ 1:10 +bd «شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ»+bd* ــ شەبنەم، بولۇپمۇ 8- ۋە 9-ئايدا پىشىدىغان مېۋە ياكى ئاشلىقنى يېگىلەشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.* ◘ 1:10 قان. 28‏:23*

11مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم. ◼ 1:11 +bd «مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، ... قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم»+bd* ــ «قۇرغاقچىلىق» ( ئىبرانىي تىلىدا «خورەب») ھەم «خارابە» دېگەنلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر ــ خۇدانىڭ ئۆيى «خارابە» بولسا، ئۇلارغا «خورەب» (قۇرغاقچىلىق) بولىدۇ.*

12شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى.

13ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ:

14ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى.

© 2010 Institute for Bible Translation
v>