1يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ◼ 2:1 +bd «يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ بۇ كۈن «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، خەلقنىڭ كۆپ بىر قىسمى يېرۇسالېمدا بولغان بولۇش كېرەك.*
2ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ
3«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. ◼ 2:3 +bd ««ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟»+bd* ــ سۇلايمان پادىشاھ سالغان ھەيۋەتلىك مۇقەددەس ئىبادەتخانا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-يىلى) بابىل تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. بۇ ۋەقە ھاگاي سۆز قىلغان ۋاقىتتىن 67 يىل ئىلگىرى بولغاچقا، ئەسلى ئىبادەتخانىنىڭ شان-شەرىپى يېڭى ئىبادەتخانىغا قارايدىغان بەزى بوۋايلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغان بولۇشى كېرەك.
4ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
5ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار.
6چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
7مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◘ 2:7 ھاگ. 21:2*
8ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◼ 2:8 +bd «كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ... پەرۋەردىگار»+bd* ــ شۇ دەۋردە دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش پارس ئىمېرىيەسىنىڭ قولىدا ئىدى. مەزكۇر بېشارەتتىن ئازراقلا بىر مەزگىلدىن كېيىن، پارس ئىمپېراتورى دارىئۇس تەرىپىدىن: «ئىسرائىلنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلاردىن ئىمپېراتورغا ئېلىنغان باجلارنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، بۇ پۇلنى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى چىرايلىق ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك...»» دېگەن بىر يارلىق چۈشۈرۈلدى («ئەزرا» 4-6-بابنى، شۇنداقلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).*
9ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◼ 2:9 +bd «بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ»+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناھايىتى ئاجايىب بولدى. سۆز كۆپ بولغاچقا، شەرھىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قويدۇق.* ◘ 2:9 مىس. 23:20-22؛ يەر. 31:31-34؛ ئەز. 36:26-28؛ مات. 3:11-12؛ 11:10؛ 24:12-16؛ مار. 1:2؛ لۇقا 1:76؛ 7:27؛ يـۇھ. 2:13-17؛ يەش. 40:3؛ ئىبر. 8:6؛ 12:24*
10دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
11«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
12«بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «خۇداغا* ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «خۇداغا* ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن».
13ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
14ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ. ◼ 2:14 +bd «پەرۋەردىگار: «ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر (ناپاك، دېمەك)، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ»+bd* ــ «شۇ يەردە» دېگەن سۆز بەلكىم «ناپاك قوللىرىدا» دېگەننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
15«ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ
16شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. ◼ 2:16 +bd «شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە...»+bd* ــ «ئىلگىرىكى» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز بەزىدە «ئىلگىرىكى»، بەزىدە «كېيىنكى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە «ئىلگىرىكى» دېگەن تەرجىمىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىمىز.*
17مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. ◼ 2:17 +bd «مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار»+bd* ــ ھاگاي پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە تەۋرات «ئام.» 9:4نى نەقىل كەلتۈرىدۇ.* ◘ 2:17 ھاگ. 1:11*
18ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛
19ئامباردا دانلا قالدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن». ◼ 2:19 +bd «...ئامباردا دانلا قالدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى... ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن»+bd* ــ بۇ 16-19-ئايەتلەرنى قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە تەھلىل قىلىمىز.*
20ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
21ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ
22پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ. ◘ 2:22 دان. 2:44-45؛ يو. 2:10، 31؛ 3:15؛ يەش. 2:12-22؛ 13:6-13؛ 24:23؛ ئام.8 :9؛ مات. 24:29؛ روس. 2:20؛ ۋەھ. 6:12-13.*
23شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ