1پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ ◼ 1:1 +bd «يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا...»+bd* ــ «ئىسرائىل» بۇ كىتابتا ئادەتتە ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ھوشىيانىڭ بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر. بەزى ۋاقىتلاردا «ئىسرائىل» تولۇق ئون ئىككى قەبىلە (جۈملىدىن يەھۇدا)نى ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىزاھلاپ قويىمىز.
2پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى.
4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. ◼ 1:4 +bd «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن»+bd* ــ «يىزرەئەل» «خۇدا تېرىغان» ياكى «خۇدانىڭ تېرىغىنى» دېگەن مەنىدە، ۋە يەنە «خۇدا تارقىتىدۇ» دېگەن مەنىدە.
5ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندۇرۇۋېتىمەن». ◼ 1:5 +bd «مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندۇرۇۋېتىمەن»+bd* ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يىزرەئەل جىلغىسىنى ئىشغال قىلىپ، بارلىق شىماللىقلارنى، جۈملىدىن گىلېئاد ۋە گالىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. شۇ ۋەقەلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىي كۈچى («ئوقياسى») سۇندۇرۇۋېتىلدى.*
6گومەر* يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ ◼ 1:6 +bd «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن»... دېدى+bd* ــ «لو-رۇھاماھ» «رەھىم قىلىنمىغان (قىز)» دېگەن مەنىدە.
7بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى. ◼ 1:7 +bd «بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن»+bd* ــ بۇ بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىنىڭ يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداق بولسىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاسۇرىيەنى (دەرۋەقە ھېچ جەڭ بولمايلا) يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى). بۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، پەرۋەردىگار «پەرۋەردىگار ئارقىلىق» بۇ ئىشنى قىلىدۇ. دېمەك «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نىڭ ئۆزىنى خۇدا دېيىشكە بولىدۇ. باشقا يەردە سۆھبەتلەشكىنىمىزدەك، ئىشىنىمىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەل خۇدانىڭ «كالامى» ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر («يەش.» 36-38-بابلارنى كۆرۈڭ). مەزكۇر بېشارەتنىڭ بىر نەتىجىسى بەلكىم ئىسرائىلدا تۇرغان بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر يەھۇدا زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك.*
8گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛
9رەب*: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە پەرۋەردىگار* بولمايمەن» دېدى. ◼ 1:9 +bd «رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن»... دېدى»+bd* ــ «لو-ئاممى» «مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم گومەرنىڭ بالىسىنىڭ باشقا ئەردىن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك خۇدا ئالدىدا ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار بولمايمەن» (ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن بولمايمەن» ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» بولمايمەن») دېگەن ئىبارە، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان ئۆز نامىنى، يەنى «ياھۋەھ» («مەن ئۆزۈمدۇرمەن»)نى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، «مەن سىلەردىن خەۋەر ئالىدىغان خۇدايىڭلار بولمايمەن».*
10ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «سىلەر* تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. ◘ 1:10 يار. 17:22، 32:12؛ يەش. 22:10؛ رىم. 9:25، 26*