ھوشىيا 11:1-11 UIGB2010 - Bible AI

1ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم. ◘ 11:1 چۆل.22:23: مات. 2‏:15

2بىراق ئۇلار خەلقىمنى چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى. ◼ 11:2 \+bd «بىراق ئۇلار خەلقىمنى چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى...»\+bd* ــ «ئۇلار» ــ بۇتپەرەسلەرنى ياكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇچرىغان «موئاب»دىكىلەرنى ۋە ياكى قانائانغا كىرگەندىن كېيىن ئۇچراشقان قانائاندىكىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئايەت ئۈستىدىكى ئىككى باشقا كۆزقاراش ئىپادىلەيدىغان باشقا ئىككى تەرجىمىسى بار: (1) «ئۇلار (پەيغەمبەرلەر) ئۇلارنى چاقىرغانسېرى، ئۇلار (ئىسرائىل) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن (پەيغەمبەرلەردىن) نېرى قىلدى»؛ (2) «مەن (خۇدا) ئۇلارنى چاقىرغانسېرى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھۇزۇرۇمدىن نېرى قىلدى». ئاخىرقى تەرجىمە مىلادىيەدىن ئىلگىرىگى 3-ئەسىردىكى «سېپتۇئاگىنت» (LXX) گرېك تەرجىمىسىگە ئەگىشىدۇ.

3ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى.

4مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن.

5ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى! ◼ 11:5 \+bd «ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيەدىن ياردەم ئىزدەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا «چىقتى». ئەمدى بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۇلارنىڭ «چىقىش»ى ياكى «قايتىش»ى (1- ۋە 2-ئايەتنى كۆرۈڭ) بولسا قاچقۇن مۇساپىر سۈپىتىدە (مىسىرغا) ياكى ئەسىر سۈپىتىدە (ئاسۇرىيەگە) بولىدۇ.

6قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر!

7بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ. ◼ 11:7 \+bd «ئۇلار...»\+bd* بەلكىم پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

8مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى دۈشمەنگە تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ! ◼ 11:8 \+bd «قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟!»\+bd* ــ «ئادماھ» ۋە «زەبوئىم» دېگەن شەھەرلەر ئېغىر گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سودوم ۋە گوموررا بىلەن تەڭ ئاسماندىن ياغقان ئوت-گۈنگۈرت تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. ◘ 11:8 يار. 19‏:24

9غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. ◼ 11:9 \+bd «... مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... مەن شەھەرگە (جازالاشقا) كىرمەيمەن».

10ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛

11ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◼ 11:11 \+bd «ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن»\+bd* ــ ئىسرائىل (ئەفرائىم)دىكىلەردىن بەزىلەر ئاۋۋال يەھۇدادىن پاناھ تاپقان، ئاندىن كېيىن يەھۇدا بىلەن تەڭ بابىل ئىمپېرىيەسىگە سۈرگۈن بولغان. ئاندىن يەھۇدانىڭ «قالدى»سى بىلەن تەڭ قانائانغا (پەلەستىنگە) قايتىپ كەلگەن ــ ئاجىزلىقتا، «تىترىگەن ھالدا» قايتىپ كەلگەن («2تار.» 1:9-3، «ئەزرا» 1-2-باب).

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
div>